يارۇ
ھوشۇر قارى

يارۇ

پلاستىنكا: قەمبەرخان

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1088
يارۇ - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق  
ئىگىز-ئىگىز تاغ باشىدا، چىراغ كۆيەمدۇ يارۇ.
ئۇ كۆيگەنلەر ۋاي چىراغ ئەمەس، ۋاي يۈرەك كۆيەدۇ.

ئىگىز-ئىگىز تاغ باشىدا، قۇرغۇي ئەگىمدۇ يارۇ.
ئۇ ئەگىگەن ۋاي قۇرغۇي ئەمەس، ۋاي يارلار ئەگىيدۇ.

بىر دانە ئەردىم يارەي، مىڭ دانە بولدۇم.
ئەقلى ھوشۇمدىن، بىگانە بولدۇم.
خۇشتارمەن ساڭا ئامرىقىم، يارىم دېگەيسەن.

سەندەك قىزىل گۈل ھەرجايدا بولماس.
ھەرجايدا بولسا سېنىڭچە بولماس،
خۇشتارمەن ساڭا ئامرىقىم يارىم دېگەيسەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...