گۈل ئايشەم
ھوشۇر قارى

گۈل ئايشەم

پلاستىنكا: قەمبەرخان

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 468
گۈل ئايشەم - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق  
ئىشىكىڭدىن تولا ئۆتتۈم
كۆرەرمەن دەپ سەھەر ئاخشام
يەتمەمدۇ قۇلاقىڭغا گۈل ئايشەم بالا
ساڭا ئاتىغان ناخشام
گۈل ئايشەم بالا بويۇڭدىن ئۆرگىلەي يارىم

بۇ ھويلا يوغان ھويلا
ئەتراپىدا غەم ئويلان
مەن ساڭا نېمە قىلغان گۈل ئايشەم بالا
ئولتۇرۇپ تازا ئويلان
گۈل ئايشەم بالا بويۇڭدىن ئۆرگىلەي يارىم

ھويلاڭدىكى ئۈجمەڭنىڭ
بىر شاخى راۋاپ بولدى
سەن يارىمنىڭ دەردىدە گۈل ئايشەم بالا
يۈرەك باغرىم كاۋاپ بولدى
گۈل ئايشەم بالا بويۇڭدىن ئۆرگىلەي يارىم
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...