
سېتىۋېلىش ئورنى
ھوشۇر قارى
زىيارەت قىلغىلى كەلدىم
پلاستىنكا: قەمبەرخان
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006
ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
830

زىيارەت قىلغىلى كەلدىم - ھەققىدە:
سۆزى: سەيپىدىن ئەزىز مۇزىكىسى: تۇرسۇن قادىر
ئەزىزانە دىيارىمنى، زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. قېنىم تامغان ماكانىمنى، زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئانام ئاق سۈت بېرىپ باققان، ئاتام نان تۇز بىلەن باققان. قەدىردان قىبلىگاھىمنى، زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئوڭۇمدا ھەم چۈشۈمدە، سېغىنىش ھېجرانى ئارمانى. سېغىنغان دوست يارەننى، زىيارەت قىلغىلى كەلىدىم. سۇتۇق بۇغرا، يۈسۈپ قادىر، بۇ ئەلگە پېشىۋا بولغان. ئۇيغۇرلار روھى بۇغرانى، زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئۇلۇغ ئەجداد يۈسۈپ، مەھمۇد، جاھانغا قۇت بىلىگ چاچقان. بوۋاملار قەبرىگاھىنى، زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. كېتىپ جۇد بۇ دىيارلارنى، قۇياش نۇرىغا چۆمدۈردى. گۈلىستان ھۆر باھارىمنى، زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. مۇقام شەيداسى ئۇيغۇرلار، قۇرۇپتۇ ساز، ناۋا-مەشرەپ. ھېيتگاھنىڭ ساماسىنى، زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ساما خۇشتارى ئەزىزى، ئەيلىگىن پەرۋاز ساما ئىچرە. دېگىل زۆھرەگە بايرامنى، بايانات قىلغىلى كەلدىم. شېئىرنىڭ ئەسلىسى: ئەزىزانە دىيارىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم، قېنىم تامغان ماكانىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئانا جان—سۈت بىلەن باققان، دادام نان-تۇز بېرىپ باققان، قەدىردان قىبلىگاھىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئوڭۇمدا ھەم چۈشۈمدە سېغىنىش ھىجران ئارمانى، سېغىنغان دوست-ياراننى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. سۇتۇق بۇغرا، يۈسۈپ قادىر بۇ ئەلگە پېشۋا بولغان، ئۇيغۇرلار روھى بۇغرانى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئۇلۇغ ئەجداد يۈسۈپ، مەھمۇد جاھانغا قۇت بىلىگ چاچقان، بوۋاملار قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ئوردۇ كەنت، بالاساغۇن، شۇ قەشقەر قارا ئاستانە، تاۋاپ بىلەن شۇ ئوردۇنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. كېتىپ جۇد بۇ دىيارلارنى قۇياش نۇرىغا چۆمدۈردى، گۈلىستان ھۆر باھارىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. زامانلاردىن زامان بۇ جاي گويا دوزاخ ئىدى ئەلگە، ئازاد—ئەركىن زامانىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. مۇقام شەيداسى ئۇيغۇرلار قۇرۇپتۇ ساز—ناۋا، مەشرەپ، ھېيتگاھنىڭ ساماسىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم. ساما خۇشتارى ئەزىزى ئەيلىگىن پەرۋاز ساما ئىچرە، دېگىل زۆھرەگە بايرامنى بايانات قىلغىلى كەلدىم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...