بىلىم ئىشقىدا
ھوشۇر قارى

بىلىم ئىشقىدا

پلاستىنكا: قەمبەرخان

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

ھوشۇر قارى ھەققىدە:
«بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇ ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1429
بىلىم ئىشقىدا - ھەققىدە:
مۇزىكىسى: ئابدۇرېھىم ھېيىت
سۆزى: ئەرمىيا ئېلى سايرامى (نىمشېھىت) 
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ
بېشىڭغا كەلسە بىر كۈنلەر ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
پاراغەت ئىزدىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن ھەمراھ
ئەگەر سەن پۇل، پۇلدىن ئايرىلساڭ شۇئان تاشلايدۇ ھېچ ئار يوق
♬♪مــۇزىــكــا♪♬
گۇمان قىلما پەلەكنى ھەر قاچان بەختىڭگە چۆرگىلىمەس
بۈگۈن باي ھەم ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق بەلكى قەرزدار يوق
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بۇلۇر ئۇ بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق
بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق
بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق





شېئىرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى:

جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار-يوق.

قارا قاشلىق، تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ، سېنى تاشلايدۇ، ھېچ ئار يوق.

كىرىپ نەپسىڭنىڭ كەينىگە بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بىشىڭغا چۈشسە بر كۈنلەر يوق ئۇ چاغدا سەن كەبى خاريوق.

قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادۇ ئاھىغا،
يۇتۇپ زەرداپ، پىراقتىن داد دېمەكتىن باشقىچە زار يوق.

تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەر دەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.

يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.

پاراغەت ئىزلىسەڭ، ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما،
سېنىڭ قەدىرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس، بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.

بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە-پەريادتا،
جاھان ئىچىرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.

بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ، ئوقۇش ئىشقىدا بۇلبۇل بول،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.

جاھاننىڭ قايسى يوچۇق، پۇچقىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھېچبىر كىمگە ئەخبار يوق.

بىلىم روھىي ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا، ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق.

چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە، ئەسرار يوق.

چاپان بىرلە ئۆزۈڭنى پاقىراتساڭ بىر بوياقچى سەن،
بىلىم ئەسرى بۈگۈن، سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.

بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىنىنىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالىي بۇ تىلەكتە سەن كەبى باخىشىغا جىنىدار يوق.

ئۈمىد قىلما، پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.

بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
جېنىغا جەبرى قىلماققا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.

بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە بىلىمسىزلەرگە خۇشتار يوق.

بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپىرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.

زېمىنىنى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق، گۇمان قىلما،
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش، كەمەكتەك جادۇ-ئەييار يوق.

ئەجەبلەنمە، بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا ھەر كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشىۋار يوق.

بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچقانچە جاپا كۆرمەس،
بىلمسىز قان يۇتار، نادان كىشلەردەك جاپاكار يوق.

ئۆزۈڭنى، نىم شېھىت، ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبى قاتتىق گۇناھكار يوق.

 مەنبەسى: https://www.uyghur-archive.com/kucha/kucha6622.html
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...