
سېتىۋېلىش ئورنى
مۆمىنجان ئابلىكىم
كىلەرسەنمۇ
پلاستىنكا: سېغىنىمەن
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006
مۆمىنجان ئابلىكىم ھەققىدە:
ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئا ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
439

كىلەرسەنمۇ - ھەققىدە:
سۆزى: ئارسلان مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم
چىۋىقتەك تولغۇنۇپ دىلدار، گۈلدەك كۈلۈپ كېلەرسەنمۇ. چىۋىقتەك تولغۇنۇپ دىلدار، گۈلدەك كۈلۈپ كېلەرسەنمۇ. كىيىكتەك ئەندىكىپ چۆچۈپ، خۇمار كۆز يار كېلەرسەنمۇ. خۇمار كۆز يار كېلەرسەنمۇ. كىيىكتەك ئەندىكىپ چۆچۈپ، خۇمار كۆز يار كېلەرسەنمۇ. خۇمار كۆز يار كېلەرسەنمۇ. ♬♬♬♬♬ مۇھەببەت دەشتىدە ياتتىم، چېچىڭ زەنجىرلىرى چىرماپ. چېچىڭ زەنجىرلىرى چىرماپ. جىنىمنى قىينىدىڭ ئالساڭ، جىنىم تەييار كېلەرسەنمۇ. جىنىم تەييار كېلەرسەنمۇ. ♬♬♬♬♬ ئۆتۇپتۇ ئالمىشىپ ئاي يىل، ئۈمىد باغلاپ يۈرەك داغلاپ. ئۆتۇپتۇ ئالمىشىپ ئاي يىل، ئۈمىد باغلاپ يۈرەك داغلاپ. ئەرىز ھالىمنى تىڭشاشقا، قۇياش رۇخسار كىلەرسەمۇ. جامالىڭغا بولۇپ تەشنا، يۇتۇپ قان يىغلىدىم تەنھا. يۇتۇپ قان يىغلىدىم تەنھا. رەھىم ئەيلەپ غېرىبىڭغا، دىلى غەمخار كىلەرسەنمۇ. دىلى غەمخار كىلەرسەنمۇ. ♬♬♬♬♬ دىلىم رىشتىم پاياندازدۇر، يولۇڭغا گەر كېلەر بولساڭ. دىلىم رىشتىم پاياندازدۇر، يولۇڭغا گەر كېلەر بولساڭ. تۆكۈلگەن كۆز يېشىمدىن گۈل، چىمەن رەڭدار كىلەرسەنمۇ. كېچە كۈندۈز قىلار جىلۋە، دىلىم ئەينىكىدە ھۆسنىڭ. دىلىم ئەينىكىدە ھۆسنىڭ. ئۇۋالغا قالمىسۇن سۆيگۈم، دىلىم تەشنا كېلەرسەنمۇ. دىلىم تەشنا كېلەرسەنمۇ. دىلىم تەشنا كېلەرسەنمۇ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...