
سېتىۋېلىش ئورنى
مۆمىنجان ئابلىكىم
يار سەنەم
پلاستىنكا: سېغىنىمەن
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006
مۆمىنجان ئابلىكىم ھەققىدە:
ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئا ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
700

يار سەنەم - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلەت ئابلىكىم مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم
كېچە ياتسام چۈشۈمدە، ئايان بولغان يار سەنەم. كېچە ياتسام چۈشۈمدە، ئايان بولغان يار سەنەم. بىر كۆرۈشتە ئۆزىگە، شەيدا قىلغان يار سەنەم. شەيدا قىلغان يار سەنەم. بىر كۆرۈشتە ئۆزىگە، شەيدا قىلغان يار سەنەم. شەيدا قىلغان يار سەنەم. ♬♬♬♬♬ بىر كۆرۈپ ئاشىق بولدۇم، قىينىمىغىن يار سەنەم. بىر كۆرۈپ ئاشىق بولدۇم، قىينىمىغىن يار سەنەم. پىراقىڭدا مەن غېرىب، مەن ئۈچۈن بول يار سەنەم. مەن ئۈچۈن بول يار سەنەم. ئىشىق ئوتۇڭدا مەن غېرىب، مەن ئۈچۈن بول يار سەنەم. مەن ئۈچۈن بول يار سەنەم. شىرىن سۆزلۈك يار سەنەم، خۇما كۆزلۈك يار سەنەم. قىزىل گۈلدەك چىرايلىق، ۋاي ئۇز جامالىڭ يار سەنەم. ♬♬♬♬♬ قىزىل گۈلگە ئوخشايدۇ، ھۆسنى جامالىڭ يار سەنەم. قىزىل گۈلگە ئوخشايدۇ، ھۆسنى جامالىڭ يار سەنەم. قاشلىرىڭ بەرگى قىياق، گۈلزىبالىق يار سەنەم. گۈلزىبالىق يار سەنەم. قاشلىرىڭ بەرگى قىياق، گۈلزىبالىق يار سەنەم. گۈلزىبالىق يار سەنەم. ♬♬♬♬♬ ئاشىق بولدى يۈرەكىم، بىر ساڭا يار سەنەم. ئاشىق بولدى يۈرەكىم، بىر ساڭا يار سەنەم. كەل بولايلى مەڭگۈلۈك، مەن غېرىب سەن يار سەنەم. مەن غېرىب سەن يار سەنەم. كەل بولايلى مەڭگۈلۈك، مەن غېرىب سەن يار سەنەم. مەن غېرىب سەن يار سەنەم. شىرىن سۆزلۈك يار سەنەم، خۇما كۆزلۈك يارسەنەم. قىزىل گۈلدەك چىرايلىق، ۋاي ئۇز جامالىڭ يار سەنەم. ♬♬♬♬♬ كېچە ياتسام چۈشۈمدە، ئايان بولغان يار سەنەم. كىچە ياتسام چۈشۈمدە، ئايان بولغان يار سەنەم. بىر كۆرۈشتە ئۆزىگە، شەيدا قىلغان يار سەنەم. شەيدا قىلغان يار سەنەم. بىر كۆرۈشتە ئۆزىگە، شەيدا قىلغان يار سەنەم. شەيدا قىلغان يار سەنەم. شىرىن سۆزلۈك يار سەنەم، خۇما كۆزلۈك يار سەنەم. قىزىل گۈلدەك چىرايلىق، ۋاي ئۇز جامالىڭ يار سەنەم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...