ئاخىرقى ھىجران (تىللا ئۈزۈك)
مۆمىنجان ئابلىكىم

ئاخىرقى ھىجران (تىللا ئۈزۈك)

پلاستىنكا: سېغىنىمەن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

مۆمىنجان ئابلىكىم ھەققىدە:
ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئا ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 503
ئاخىرقى ھىجران (تىللا ئۈزۈك) - ھەققىدە:
سۆزى: ئەزىز ئابدۇللا
مۇزىكىسى: ئەزىز ئابدۇللا (دىلمۇرات ئابلىكىم) 
توي ناخشىسى ئاڭلاندى يىراقتىن
مەن سۆيگەن قىز ياسىنىپتۇ لىباستىن
توي ناخشىسى ئاڭلاندى يىراقتىن
مەن سۆيگەن قىز ياسىنىپتۇ لىباستىن
تەكلىپنامە بېرىپتۇ كېلىڭ دەپ
كۆزۈمدە ياش يۈرەكتە دەرت قىيناقتىن
تەكلىپنامە بېرىپتۇ كېلىڭ دەپ
كۆزۈمدە ياش يۈرەكتە دەرت قىيناقتىن

تىللا ئۈزۈكنى تاقاپتۇ قولىغا
مەن ئىنتىزار ئىدىم ئۇنىڭ يولىغا
تاللىغىنىم بىراۋلارغا يار بولدى
يالغۇز قالدىم مۇھەببەتنىڭ يولىدا

يۈرەگىمدە ئۇنىڭ رەسىمى بار ئىدى
تەشنا لەۋلەر بىر-بىرسىگە زار ئىدى
يۈرەگىمدە ئۇنىڭ رەسىمى بار ئىدى
تەشنا لەۋلەر بىر بىرسىگە زار ئىدى
بەرگەن ۋەدىلىرى يالغان ئىكەن يار
بىر ئۆمۈرگە مىنى ئالدىغان دىلدار
بەرگەن ۋەدىلىرى يالغان ئىكەن يار
بىر ئۆمۈرگە مىنى ئالدىغان دىلدار

تىللا ئۈزۈكنى تاقاپتۇ قولىغا
مەن ئىنتىزار ئىدىم ئۇنىڭ يولىغا
تاللىغىنىم بىراۋلارغا يار بولدى
يالغۇز قالدىم مۇھەببەتنىڭ يولىدا

توي كىچىسى بىرگە ئىككى يۈرەكلەر
ئىككىسىدە ھەرخىل ئارزۇ-تىلەكلەر
توي كىچىسى بىرگە ئىككى يۈرەكلەر
ئىككىسىدە ھەرخىل ئارزۇ-تىلەكلەر
ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى سۆيگەن يارى بولسۇن
سۆيۈشكەنلەر بىر-بىرىگە جەم بولسۇن
ھەر ئىنساننىڭ ئۆزى سۆيگەن يارى بولسۇن
سۆيۈشكەنلەر بىر-بىرىگە جەم بولسۇن

تىللا ئۈزۈكنى تاقاپتۇ قولىغا
مەن ئىنتىزار ئىدىم ئۇنىڭ يولىغا
تاللىغىنىم بىراۋلارغا يار بولدى
يالغۇز قالدىم مۇھەببەتنىڭ يولىدا
تىللا ئۈزۈكنى تاقاپتۇ قولىغا
مەن ئىنتىزار ئىدىم ئۇنىڭ يولىغا
تاللىغىنىم بىراۋلارغا يار بولدى
يالغۇز قالدىم مۇھەببەتنىڭ يولىدا
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...