گەپ بولۇپتۇ
مۆمىنجان ئابلىكىم

گەپ بولۇپتۇ

پلاستىنكا: سېغىنىمەن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

مۆمىنجان ئابلىكىم ھەققىدە:
ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئا ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 443
گەپ بولۇپتۇ - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلەت ئابلىكىم
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم 
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ،
مېنى ساقلاپ تۇرغىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ.
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ،
ماڭا قاراپ كۈلگىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ.
مېنى سوراپ ئۆيىمىزگە كەلگىنىڭىز،
ماڭا قاراپ ئۇچراشقاندا كۈلگىنىڭىز.
مېنى سوراپ ئۆيىمىزگە كەلگىنىڭىز،
ماڭا قاراپ ئۇچراشقاندا كۈلگىنىڭىز.
مېنى كۈتۈپ يول بويىدا تۇرغىنىڭىز،
گەپ بولوپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
گەپ بولوپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
مېنى ساقلاپ تۇرغىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ.
گەپ بولوپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
ماڭا قاراپ كۈلگىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ.
باغچىلاردا بىرگە سەيلە قىلىپتۇ دەپ،
ئۇندىن قايتىپ ئۆيلىرىگە ئۇزاتتى دەپ.
ئۇندىن قايتىپ ئۆيلىرىگە ئۇزاتتى دەپ،
قول ئۇچىدا رومالىنى تۈزەپتۇ دەپ.
گەپ بولوپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ،
قول ئۇچىدا رومالىنى تۈزەپتۇ دەپ.
گەپ بولوپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ،
گەپ بولوپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ،
مېنى ساقلاپ تۇرغىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ،
گەپ بولوپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ،
ماڭا قاراپ كۈلگىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ.
جان بېرەرمىش قىزنىڭ ئايدەك يۈزىگە دەپ،
ھەربىر قىلغان شېرىن شېكەر سۆزىگە دەپ.
جان بېرەر مىش قىزنىڭ ئايدەك يۈزىگە دەپ،
ھەربىر قىلغان شېرىن شېكەر سۆزىگە دەپ.
مېنى ناخشا يازدى سۆيگەن قىزىغا دەپ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
مېنى ناخشا يازدى سۆيگەن قىزىغا دەپ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
مېنى ساقلاپ تۇرغىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
ماڭا قاراپ كۈلگىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
مېنى ساقلاپ تۇرغىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ،
گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.
ماڭا قاراپ كۈلگىنىڭىز گەپ بولۇپتۇ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...