ئوغلۇم
ئۆمەرجان ئالىم

ئوغلۇم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

ئۆمەرجان ئالىم ھەققىدە:
ئۆمەرجان ئالىم 1965-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان خەلق ناخشىچىسى. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 195
ئوغلۇم - ھەققىدە:
سۆزى: كەنجىۋاينىڭ
مۇزىكىسى: كەنجىۋاينىڭ 
سۆيۈپ قانماي سېنى ئوغلۇم،
كۆزۈمنىڭ قارىسى دەيمەن.
يېقىپ مەڭزىڭنى مەڭزىمگە،
بېغىمنىڭ ئالمىسى دەيمەن.

پۇتۇڭغا گەر تىكەن كىرىسە،
ئالاي كىرپىكلىرىم بىلەن.
سېنى بېغىمدا بىخ سۈرگەن،
كۆڭۈلنىڭ شادلىقى دەيمەن.

ئالار بولسام قولۇمغا ساز،
ناۋا ئەيلەر كۈمۈش تارى.
سېنىڭ چۈچۈك ئاۋازىڭنى،
يۈرەكنىڭ تارىسى دەيمەن.

ۋەتەن بوستانلىرى خۇشتار،
چىۋەر باغۋەنلەرگە ھەر دائىم.
ۋەتەنگە كۈچ قوشار بولساڭ،
ئاتاڭنىڭ ۋارىسى دەيمەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...