سوۋغات
ئۆمەرجان ئالىم

سوۋغات

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

ئۆمەرجان ئالىم ھەققىدە:
ئۆمەرجان ئالىم 1965-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان خەلق ناخشىچىسى. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 251
سوۋغات - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا
مۇزىكىسى: ياسىن مۇخپۇل
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ياسىن مۇخپۇل 
سەن ناخشا سورىساڭ، مېنىڭدىن دوستۇم،
ناخشامنى مەن سەندىن ئاياپ نە قىلاي.
غەزەلگە ھەزىلگە ئاشنا ئىدىڭغۇ،
ناخشامدىن يولۇڭغا پايانداز سالاي.

بىر تال گۈل سورىساڭ، بىر قۇچاق بېرەي،
گۈلدەستە راسلىۋال چىمەنلەر ئارا.
چىمەنلەر ئىچىدە نازۇك چىمەن بار،
ۋاپانى قەدىناس دوستۇڭدىن سورا.

بالىلىق چاغنى كىم قايتۇرۇپ بېرەر،
بىراق دوست يارىتار يېڭى ھاياتنى.
ئا…ئا…ئا……
دوستقا دوست ئەسقاتار ئېغىر كۈنلەردە،
دوستقا دوست بېرىدۇ سۇنماس قاناتنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...