
سېتىۋېلىش ئورنى
ئۆمەرجان ئالىم
سەن يوق
پلاستىنكا: ئۆمەرجان ئالىم ناخشلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993
ئۆمەرجان ئالىم ھەققىدە:
ئۆمەرجان ئالىم 1965-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان خەلق ناخشىچىسى. ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
577

سەن يوق - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەتجان راشىدىن
چىنەڭگە ئاھ ئانا زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق، نېتەي، ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق. تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بويى ئەمدى، بېشىڭغا قوش تەكىي-ياستۇق قويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق. ساڭا قانماي تۇرۇپ قەلبىم، ھاياتلىق قەۋمىدىن كەتتىڭ، قويۇپ ئالدىڭغا قايناق چاي سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق. بالامنى ئالغۇچە ھەر تاڭ سېنىڭ ئالسامچۇ بوينۇمغا، زۆرۈر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق. سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم، ئېگىز شاخلارغا قول سۇنغان، بىراق شاختىن ئانار-ئالما ئۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق. سېنىڭ بارىڭدا قەدرىڭنى ھەجەپ بىلمەپتىمەن، ئەمدى، ساڭا كۆيگەن بۇ باغرىمنى يېرىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...