مېھمان
ئۆمەرجان ئالىم

مېھمان

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

ئۆمەرجان ئالىم ھەققىدە:
ئۆمەرجان ئالىم 1965-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان ناخشىلىرى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولغان خەلق ناخشىچىسى. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 578
مېھمان - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
مېھمان باشلىدىم ئۆيگە،
ئاستىغا سېلىپ كۆرپە.
ئەمدى مەن كىرەلمىدىم،
ئۆزۈم ياسىغان ئۆيگە.

مېھماننى قىلىپ ئىززەت،
ئۆيدىن ئايرىلىپ قالدىم.
باغلاردىن ئورۇن تەگمەي،
چۆلگە كەپىلەر سالدىم.

چۆللەرنى قىلسام بوستان،
مېھمانلار تولۇپ كەتتى.
شېخىنى يىرىپ، قويماي،
مېۋىسىنى ئېلىپ كەتتى.

مېھمان باشلىدىم ئۆيگە،
ئاستىغا سېلىپ كۆرپە.
ئۆزى تۆرگە چىقىۋېلىپ،
بولدى خوجايىن بىزگە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...