غەمكىن
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

غەمكىن

پلاستىنكا: غەمكىن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 455
غەمكىن - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
مەيىن شامالدىن پۇرىدىم ھىدىڭنى،
‎ئەسلەتتى قايتا ماڭا ئازابىمنى.
‎ئۇنتۇشقا ئامالسىزمەن ئەي گۈزەل قىزچاق،
‎ئېچنىمەن ئويلاپ گۆدەكلىكىمنى.

‎چۈشەندۈرگۈم بار لېكىن،
‎جۈرئەت يوق، ھالىم مىسكىن.
‎كۈنۈم يوقتۇر ئۆتكەن خۇشال،
‎ بولدۇم بىچارە غەمكىن.

‎زادى ئۇنتالمىدىم مېھرىڭنى ئەسلا،
‎مەن چىن سۆيگۈڭگە تەشنا.
‎ئۆزۈمنى يالغۇز چۆل-جەزىرىدە سەزدىم،
‎قايتا-قايتا خاتىرەمنى كەزدىم.

‎خاتالىقىمنى بىلدىم،
‎ئەپسۇس، تولىمۇ كېچىكتىم.

‎بولىسەن نامايەن كۆز ئالدىمدا،
‎كۆز ئالدىمدا ئەمەس ئەسلى خىيالىمدا.
‎ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى تۇيغۇمدا،
‎مەن بەختلىك پەقەت سەن بىلەنلا.

‎يوقتۇر كەلگۈسىمدىن قىلچە ئۈمىد،
‎ياشايمەن چىن گۈزەل ئۆتمۈش قوينىدا.
‎گەر دېرىكىڭنى بىلسەم بىر كۈنى،
‎مەن تەييار قەيەر بولسۇن بېرىشقا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...