ئومىقىم
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئومىقىم

پلاستىنكا: ئومىقىم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 395
ئومىقىم - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
يولۇقتۇم، يولۇقتۇما، ھودۇقتۇم،
كۈنلىرىم، بۇ كۈنلىرىم، بۇرۇقتۇم.
يولۇقتۇم، ساڭا يولۇقتۇما، ھودۇقتۇم،
شۇندىن بىرى، بۇ كۈنلىرىم، بۇرۇقتۇم.

مەن سۆيگۇ ئىزھارىمنى،
ئاشىق دەردىم-زارىمنى،
بىلدۈرۈشتىن قورقتىم، قورقتىم.
ساڭا ۋەيران ھالىمنى،
خىلۋەت كۆڭۈل خانەمنى،
كۆرسىتىشتىن قورقتىم، قورقتىم.

ئومىقىم، ئوماققىنە، ئومىقىم،
بۇلىقىم، بۇلدۇقلىغان بۇلىقىم.
بىردەمگىنە سۈزۈلسەڭ،
يەنە ئازراق سۈزۈلسەڭ،
ئايان بولار بىچارە تۇرىقىم.
سەن ئازغىنە كۆرۈنسەڭ،
ماڭا كۈلۈمسىرىسەڭ،
قېتىپ قالار پۇت-قوللىرىم، قان تومۇرۇم.

قارىساڭ مەن ئۇنتۇيمەن ھەممىنى،
كۆزۈڭدىن يوشۇرالماي ھېچنېمىنى.
سىلىساڭ قوللىرىمنى، قولۇمنى،
ھىس قىلمەن، چىن مۇھەببەت گۈلۈمنى.

سۈيى شەربەت بۇلىقىم،
سەن گۈل بەرگىدە بۇلبۇلۇم.
ھاياتتىكى مەدىتىم،
شەۋكىتىم، ھوزۇرۇم.

ھەي تەمەنناز ئومىقىم،
سەن پەقەت مېنىڭ ئومىقىم.
مەنسۇپ ساڭىلا،
بۇ كۆڭۈل ھوزۇرۇم.

ھەي تەمەنناز ئومىقىم،
سەن پەقەت مېنىڭ ئومىقىم.
مەنسۇپ ساڭىلا،
بۇ كۆڭۈل ھوزۇرۇم.
مەنسۇپ ساڭىلا،
بۇ كۆڭۈل ھوزۇرۇم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...