خاپا قىلمىسۇن
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

خاپا قىلمىسۇن

پلاستىنكا: خاپا قىلمىسۇن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 376
خاپا قىلمىسۇن - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
قەدىرلىك بىلىمەن سېنى مەن سېنى
سەۋدا قىلىپ قويدۇڭ مېنى
خىيالىمدا سەيلە قىلىپ يۈرىسەن
ئۇزۇن كېچە ھەمدە كۈن بويى
مېنى مەپتۇن قىلغان جامالىڭ جامالىڭ
سېنىڭ بىلەن ھوشۇم خىيالىم ئو
دائىم تۇرار جاراڭلاپ يەنە يەنە
قۇلاق تۈۋىمدە ئۇز ئاۋازىڭ ئو

مەن ئاشىق ئۇز جامالىڭدىن كۈلكەڭ كەتمىسۇن
ئاشۇ ئويچان كۆزلىرىڭنىڭ نۇرلىرى ئۆچمىسۇن
ماڭا بېرىۋەت دەتلىرىڭگە ئۆزۈم بولاي داخىل
سېنى ھېچ كىشى رەنجىتمىسۇن
خاپا قىلمىسۇن

قەھىرىتاندا گۈل خانەڭ مەن گۈل خانەڭ مەن
باھاردا گۈلىستانىڭ مەن
تومۇزدا سايىۋەنىڭ بولاي مەن بولاي
نەدە بولساڭ مەن يانىڭدا مەن
ئۆزەڭ ئارتۇق ھەممىدىن ماڭا سەن ماڭا
بارلىغىم پىدادۇر جان ساڭا
ياشىيالمايمەن سېنىڭسىز ئىشەن ئىشەن
ھەتتا بىر مىنۇتمۇ بۇ جايدا

مەن ئاشىق ئۇز جامالىڭدىن كۈلكەڭ كەتمىسۇن
ئاشۇ ئويچان كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى ئۆچمىسۇن
ماڭا بېرىۋەت دەتلىرىڭگە ئۆزۈم بولاي داخىل
سېنى ھېچ كىشى رەنجىتمىسۇن
خاپا قىلمىسۇن

مەن ئاشىق ئۇز جامالىڭدىن كۈلكەڭ كەتمىسۇن
ئاشۇ ئويچان كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى ئۆچمىسۇن
ماڭا بېرىۋەت دەتلىرىڭگە ئۆزۈم بولاي داخىل
سېنى ھېچ كىشى رەنجىتمىسۇن
خاپا قىلمىسۇن
كۈلكەڭ كەتمىسۇن
نۇرى ئۆچمىسۇن
خاپا قىلمىسۇن
خاپا قىلمىسۇن
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...