كېلىڭلار دوستلار
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

كېلىڭلار دوستلار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 434
كېلىڭلار دوستلار - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
قۇياش قوندى دەرەختە
باتۇر دوستنى تاپاي دەپ
تاپاي دەپ تاپاي دەپ …
ئايــــقىز چۈشتى كۆلچەككە
چېچەن ئاداش تۇتاي دەپ
تۇتاي دەپ تۇتاي دەپ …

ئېچىلدى ھەم ئەتىرگۈل
گۈزەل باغچا ياساي دەپ
كەلدى ھەسەل ھەرىسى
تاتلىق قوشاق قاتاي دەپ
قاتاي دەپ قاتاي دەپ …

كېلىڭلارچــــۇ ھەي دوستلار
بىللە سورۇن تۈزەيلى
كىم ئەقىللىق
ھەي …
ھەم باتۇر
مۇشۇ يەردە كۆرەيلى

كېلىڭلار چــــۇ ھەي دوستلار
ھەي …
بىللە سورۇن تۈزەيلى
تۈزەيلى تۈزەيلى …
كىم ئەقىللىق
ھەي …
ھەم باتۇر
ھەي …
مۇشۇ يەردە كۆرەيلى
كۆرەيلى كۆرەيلى …

مۇزىكا

ھەي …
ھەي …

قۇشلار كەلدى ھەر ياقتىن
جەم بولايلى بىرگە دەپ
بىرگە دەپ بىرگە دەپ …
توخۇ، توشقان، قوي، كالا
يېتىپ كەلدى بىر-بىرلەپ
بىر-بىرلەپ بىر-بىرلەپ …

ھەسەن-ھۈسەن ئېگىلدى
كەلگەنلەرنى كۆرەي دەپ
ئالتۇن بېلىق سەكرىدى
ئويۇن كۆرۈپ كۈلەي دەپ
كۈلەي دەپ كۈلەي دەپ …

كېلىڭلارچــــۇ ھەي دوستلار
بىللە سورۇن تۈزەيلى
كىم ئەقىللىق
ھەي …
ھەم باتۇر
مۇشۇ يەردە كۆرەيلى

كېلىڭلار چــــۇ ھەي دوستلار
ھەي …
بىللە سورۇن تۈزەيلى
تۈزەيلى تۈزەيلى…
كىم ئەقىللىق
ھەي …
ھەم باتۇر
ھەي …
مۇشۇ يەردە كۆرەيلى
كۆرەيلى كۆرەيلى …

كېلىڭلار چــــۇ ھەي دوستلار
ھەي …
بىللە سورۇن تۈزەيلى
تۈزەيلى تۈزەيلى …
كىم ئەقىللىق
ھەي …
ھەم باتۇر
ھەي …
مۇشۇ يەردە كۆرەيلى
كۆرەيلى كۆرەيلى …
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...