
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
سېنى ياخشى كۆرىمەن I'm Loving You
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
307

سېنى ياخشى كۆرىمەن I'm Loving You - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
Come back to me hey baby Can’t take you off my mind all day Come on take a way I need you badly I’m loving you Come back to me hey baby Can’t take you off my mind all day Come on take a way I need you badly I’m loving you بىلىمەن كۆڭلۈڭنى ئىشەنمەيسەن ماڭا سەن، ئىغىزىڭدا ھە دەپ قويۇپ بىلگىنىڭنى قىلىسەن. يوقتۇر ھېچ ئورۇن ماڭا يۈرۈگۈڭدە بىلىمەن، لىكىن مەن دائىم سېنى شۇنچە سۆيۈپ يۈرىمەن. ئۇچراشقاندا كېتىپ قالدىڭ مېنى سېلىپ كۆرمەسكە، سېنى ياخشى كۆرگىنىمنى سېلىۋالدىڭ بىلمەسكە. ئاددى ئەھۋال سوراپ قويۇپ كەتتىڭ يەنە نېمىشكە، سەن بىلمەيسەن بۇ پۇرسەتكە ئىرىشكەنتىم بەك تەستە. دىدارىڭنى كۆرمەي بىر كۈن قالسام كۆڭلۈم پەرىشان، ساڭا تېلېفون قىلمايدىغان كۈنۈم يوق مىنىڭ ھامان. «ئالو» دىگەن ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندا مەن شۇئان، ھاياجانغا تولار قەلبىم سۈرەلمەستىن مەن زۇۋان. ساڭا يازغان ئۇچۇرلۇرۇم تېلېفونىڭغا يەتتىمۇ، بايان قىلغان ھالىم پەرۋايىڭغا كەلدىمۇ. ئىشەنگىن سۆيگۈمگە ۋە چۈشەنگىن قىز مېنى، كۆزلۈرۈمدە شۇ سېياقىڭ بەكمۇ سۆيىمەن مەن سېنى. Come back to me hey baby Can’t take you off my mind all day Come on take a way I need you badly I’m loving you بولىۋالدىڭ بەكمۇ نازۇك قىلالمايمەن چاقچاق، چىرايىڭغا قاراپ يۈرۈپ ئىش قىلىمەن ھەرۋاق. ماڭا سەن بىر سىرسەن گويا چەكسىز سوئال-سوراق، سەۋەپسىزلا ساڭا ئاشىق بولغان ئۆزۈم ئەخمەق. ساڭا بارچە دەرتلىرىمنى تۆكىۋالغۇم كېلىدۇ، قول تۇتۇشۇپ سېنىڭ بىلەن كوچا كەزگۈم كېلىدۇ. گاھى ساڭا تازا قېنىپ ئاچچىقلىغۇم كېلىدۇ، ۋە گاھىدا باغرىمغا بېسىۋالغۇم كېلىدۇ. سېنى ئەسلەشتىن باشلايمەن ھەر كۈنۈمنى، ساڭا ناخشا يىزىپ ئۆتكۈزدۈم كۈنلۈرۈمنى. بىردەم نىرى قىلالماستىن سەندىن كۆڭلۈمنى مەن، تاپالماي ھوشۇمنى يوقىتىپ ئۆزۈمنى. يۈرەلمىدىم ئەمدى سەنسىز قالمىدى تاقەت، سېنى ياخشى كۆرگىنىم ئۆزۈمگە بولدى ئاپەت. بولدى قىينىما مېنى چۈشەن كۆڭلۈمنى، كەلگىن جان گۈزەلىم قوينۇڭغا ئال مېنى. Come back to me hey baby Can’t take you off my mind all day Come on take a way I need you badly I’m loving you بۇ مۇھەببەت قىلدى مىنى يۇۋاش بەندە، ئوت ئەمەس ئۇ گۈلخان يانغان مەندە. ئەگىشىمەن ساڭا بولۇپ كۆلەڭگە، ئۆزۈڭ نەدە مەن شۇيەردە. ئۇنداق قىلماي سۆيگۈمگە قىل پەرۋا، ئىمكانىيەت پۇرسەن بەرگىن ماڭا. ئۆزۈڭنى يوشۇرما مەندىن قاچما، ماڭا بۇنداق زۇلۇم سالما جان. يوشۇرماسمەن موھتاجمەن گۈزەلىم مەن ساڭا، مېنىڭدە يوقتۇر داڭلىق ماركىلىق ماشىنا. يەنە مېنىڭدە يوق كەڭرى ئىسىل ئارامگاھ، داچا، راسىت ھېچ نەرسەم يوقتۇر مېنىڭ سېنىڭدىن باشقا. Come back to me hey baby Can’t take you off my mind all day Come on take a way I need you badly I’m loving you
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...