
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
تاققۇ-تۇققۇ
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
359

تاققۇ-تۇققۇ - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
1. كۇبلىت : كەل كىچىك ئوماق دوسىتلۇرۇم سىلەر بىلەن بىللە ئويناي "ياق ياق"دىمەڭلار ،(دىمەيمىز، دىمەيمىز) ماڭا قېيىن تىپىشماقلارنى قويۇپ ۋە جاۋابىنى "تاپ تاپ"دىمەڭلار، (دىمەيمىز، دىمەيمىز) ئوينايلى مۇكۇ-مۇكۈلەڭ ۋە ياكى ياغلىق تاشلاپ ئاق تىرەك كۆك تىرەك ياكى تاققۇ-تۇققۇلاپ كەل ئوينايلى بىز سورۇننى راسلاپ 1. ئۆتۇشمە: بەكمۇ ئامراق بالىلار ساڭا، يۇلتۇزدەك سانسىز سوئالىڭغا. شوخ-شوخ كەپسىز قىلىقىڭغا، تولىمۇ ئوماق تۇرىقىڭغا. ئويىنىمىزنى باشلامدۇق؟ مەرھەمەت! قايتارما: تاققۇ-تۇققۇ زەنجىر-مارجان چىچىلدى چىچىلدى، تېرىپ بولالماي بۇگۇن يەنە كەچ بولدى كەچ بولدى. قوپۇڭ ئانا كېتەيلى! قوپۇڭ دادا كېتەيلى! چوڭ ئانامنىڭ گۇل بېغىدا، گازىر-پۇرچاق چاقايلى. تامدىن چۇشتۇم توككىدە، يەرنى سۆيدۇم چوككىدە. قوشنىمىزنىڭ تويىدا، يىقىلىپ كەتتىم پوككىدە. بىر-بىرلەپ توغرا سانا، نۆۋەت ئايلىنىپ ماڭا. كىلىدۇ ياكى ساڭا، سەن تۇرۇپ سەن چىق. 2. كۇبلىت: ھەي كىچىك دوستۇم سەن ئويۇنىمىزدا ئەڭ ئاخىردا قالدىڭ چىقالماي، ( چىقالماي، چىقالماي) ئەمدى ئەيىتقىن ناخشاڭنى يا لەتىپەڭنى باشلا بىزنى ئېنتىزار قىلماي،( بىزنى ئېنتىزار قىلماي) بول بول بول چاققان بولغىن تۇرما بېشىڭنى قاشلاپ ياكى باشلا ئۇسسۇلۇڭنى غۇلاچلىرىڭ تاشلاپ ئاندىن ئويۇننى يەنە كېتەيلى باشلاپ 2. ئۆتۇشمە: سېنىڭ بىلەن چىرايىمدىن ئوچمەس كۇلكە زىرىكمەيمەن ساڭا قاراپ كۇندە قايىتقىم كىلەر كىچىكلىكىمگە كۆز تەگمىسۇن زىرەكلىكىڭگە ئويىنىمىزنى باشلامدۇق مەرھەمەت! قايتارما: تاققۇ-تۇققۇ زەنجىر-مارجان چىچىلدى چىچىلدى، تېرىپ بولالماي بۇگۇن يەنە كەچ بولدى كەچ بولدى. قوپۇڭ ئانا كېتەيلى! قوپۇڭ دادا كېتەيلى! چوڭ ئانامنىڭ گۇل بېغىدا، گازىر-پۇرچاق چاقايلى. تامدىن چۇشتۇم توككىدە، يەرنى سۆيدۇم چوككىدە. قوشنىمىزنىڭ تويىدا، يىقىلىپ كەتتىم پوككىدە. بىر-بىرلەپ توغرا سانا، نۆۋەت ئايلىنىپ ماڭا. كىلىدۇ ياكى ساڭا، سەن تۇرۇپ سەن چىق.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...