
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ئوينايدىغان تالا بارمۇ
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
415

ئوينايدىغان تالا بارمۇ - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
1.بۆلەك : مەمەجاننىڭ نېمىسى بار، مەرەپ تۇرغان ئۆچكىسى بار. مۈڭگۈزلىرى نەيزىدەك، ساقاللىرى مەزىندەك. تۇياقلىرى چۆيۈندەك، قوڭغۇراقلىق سەركىسى بار. جېرىڭ-جېرىڭ قوڭغۇراق، تاغقا ماڭدى ئون ئوغلاق. ئۆچكىلەرنىڭ سەكرىشىپ، ئوينايدىغان چوققىسى بار. مە، مە، مە، مە تاغ ئۈستىگە چىققۇسى بار. گۈس-گۈس-گۈس،تاق-تاق، بىر-بىرىنى ئۈسكىسى بار. تىككى-تىككاڭ تاقلىشىپ، تاشتىن-تاشقا ئاتلىشىپ، مۈڭگۈزىنى چاقلىشىپ، تىك چوققىغا يەتكۈسى بار. ئوغلاق باشلاپ مەمەجان، ساي-سايلاردا يۈرگۈسى بار. يىراقلارنى كۆرگۈسى بار، بۇلۇتلارنى سۆيگۈسى بار. ئۆچكىلەرنى ساغقۇسى بار، تاقىراق-تاقىراق چاپقۇسى بار. ئاشۇ تاغدا تۇلپارنىڭ، يوغان-يوغان تاقىسى بار. بار، بار، بار، بار قايتارما: ئاق تاش كۆك تاش، دەريا بويى سۈزۈك تاش. سىنىڭ بىلەن مەن ئاداش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ. بار، بار، بار، بار ئوينايدىغان بالا بارمۇ، مۆرەيدىغان كالا بارمۇ. چۆمىلىدىغان سۇلار بارمۇ، دۈپۈر-دۈپۈر ئاتلار بارمۇ. ئوينايدىغان بالا بارمۇ. ئوينايدىغان بالا بارمۇ. 2.بۆلەك : ھېيتلىشايلى ئۆيلەرگە، مەڭىز يىقىپ يۈزلەرگە. بىرىپ قالساق قەشقەرگە، سالىدىغان ساما بارمۇ. ئوڭ يېنىمدا قاراقاش، سول يېنىمدا يورۇڭقاش. چىمەن دوپپا سۇمبۇل چاچ، قىشىمىزغا ئوسما بارمۇ. ھەممە يەرنى ئارىلىدىم، گىپى بار دەپ ئاڭلىدىم. بۈگۈن سورۇن بولدى تەييار، سۆزلەيدىغان بالا بارمۇ. بار، بار، بار، بار سالام ئايەم ئەھلى، مەن بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەي: ئويۇنخۇمار بالىمەن، كۆپ ئويۇننى بىلىمەن، تاپشۇرۇقلۇرۇم بەك تولا، قاچىدىغان بانا بارمۇ. قاچىدىغان بانا بارمۇ. بۇنداق ئېغىر سومكا بارمۇ، بۇ دەردىمگە دەۋا بارمۇ، ئېيتىڭ بىزدە گۇناھ بارمۇ. ھەممە يەردە ماشىنا، ھەممە يەردە ئۆي بېنا. كەچتە قېنى يۇلتۇزلار، ئوينايدىغان تالا بارمۇ. ئوينايدىغان تالا بارمۇ، سۇدا سۈزۈك شولا بارمۇ، كېپىنەكلەر قوغلاشقان، گۈل ئېچىلغان دالا بارمۇ. ئۆزۈم كىچىك ئېيىقمەن، سۇدىن سۈزەي بېلىقمەن. قىش ۋاقتىدا ئۇخلاشقا، پاتىدىغان كامار بارمۇ. تېپىدىغان خامان بارمۇ، يۇمىلايدىغان سامان بارمۇ. يايرايدىغان-سايرايدىغان، بىزگە كەڭرى جاھان بارمۇ. ئوينايدىغان تالا بارمۇ، ئوينايدىغان بالا بارمۇ. قايتارما: كەلدى ئايەم، كۈلدى ئالەم، ئىشنى قايتا باشلايلى. ھە باشلايلى باشلايلى! بۈگۈن ئايەم كۈلدى ئالەم، بۈگۈن ئايەم كۈلدى ئالەم، ئەيىپ بولسا تاشلايلى، ھە تاشلايلى تاشلايلى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...