ئەسكى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئەسكى

پلاستىنكا: باشلامدۇق

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 468
ئەسكى - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
ئاشىق بولغاندىن بىرى،
تونۇيالمايمەن ئۆزۈمنى.
بولۇپ قالدىم بىر قارام،
سۆيگۈ ئىزىقتۇردى ئەقلىمنى.

بەزىلەر پىلان سوقۇشۇپ،
سېنى مەندىن تالاشماق بولۇپ.
مانا ئەسكى نامىغا قالدىم،
رەقىپلەر بىلەن سوقۇشۇپ.

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مېنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مېنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنىلا ئويلاپ.

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مېنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مېنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنىلا ئويلاپ.

…مۇزىكا…

ماڭا پەقەت ئىشەنمەي،
ياكى خاتىرجەم يۈرەلمەي.
ئويغا پاتتىڭ بىلىمەن،
نېمە قىلىشىڭنى بىلەلمەي.

مېنى ئەسكى دەپ ئويلىماي،
ھېچ يامانلىق يوقتۇر دىلمدا.
ئاتاپ قويدۇم مەن ئۆزۈمنى،
كىم قىلسا سېنى خاپا.

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مېنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مېنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنى ئويلاپ.

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مېنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مېنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنىلا ئويلاپ.

Rap …………

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مېنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مېنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنىلا ئويلاپ.

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مېنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مېنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنىلا ئويلاپ.

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مىنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مىنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنىلا ئويلاپ.

مۇھەببەت چىرمىۋالدى مېنى،
ئەسكى يىگىت قىلدى ئۇ مېنى.
يولۇڭغا قاراپ، ئىزىڭنى پايلاپ،
يۈرىمەن سېنىلا ئويلاپ.

تىكسىت يازغۇچى : دىلشات جاپپار
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...