
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
تېلېفونىڭنى ئال
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
328

تېلېفونىڭنى ئال - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ھەي ئابلاجان! دىلارە! ئەقىدە! Shake your body 1. كۇبلىت : بولغىن چاققان تېلېفۇننى ئال بۇ مەن، نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل قايدا سەن. بولۇپ قاپسەن كەم دىدار بارمۇ سەن، ياكى ئالدىراش ئىزدەپ يۈردۈڭمۇ بىر گۈلشەن. تۇرىۋاتقانسەن ئۆزۈڭ ساغلام سالامەت، ساقلاپ دائىم بانكىلاردا ئامانەت. يەنە قۇچۇپ پات-پات غەلبە سائادەت، دوسىت-بۇرادەر بىللە سۈرۈپ پاراغەت. 1.ئۆتۈشمە : پاراڭ سىلىشايلى، بىراز مۇڭدىشايلى، بول ئاغىنە كۆڭلىمىزنى خوش قىلايلى. بۈگۈن دانداق دۇنيا، پىرىزدىنىت ئوباما، يەنە مۇسابىقىدە يەڭدىمۇ بارسىلونا. بولغىن چاققان ساقلاپ تويدۇم مەن! قايتارما : بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، ۋاي-ۋۇي! تېلېفونىڭنى ئالساڭچۇ؟! 2. كۇبلىت : ئوماق قىزىڭىزدىن سىزگە سالام دادا، يەنە بەكمۇ سېغىندىم سىزنى ئاپا، ئەسلەپ دائىم ئۇرۇشقىنىمىزنى ئاكا، ئەمدى تولىمۇ سېغىندىم سىنى مانا. مەن يوق ئۆيلەر جىمجىت بولۇپ كەتتىمۇ؟ قىززىق گىپىم يادىڭلارغا يەتتىمۇ؟ ئاۋازىمنى ئاڭلىغۇڭلار كەلدىمۇ؟ E-Mail دا يازغان خېتىم تەگدىمۇ؟ 2.ئۆتۈشمە : بار جىق گەپلەر، مەندىن خۇش خەۋەرلەر، خۇش بولارسەن ئاڭلىساڭ ئەگەر. ئالدىم بۈگۈن مىدال، تۇرار چاقناپ پال-پال، خۇشاللىقتا سىلەرگە تېلېفون ئۇردۇم دەرھال. بولغىن چاققان ساقلاپ تويدۇم مەن. قايتارما : بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، ۋاي-ۋۇي! تېلېفونىڭنى ئالساڭچۇ؟! چوڭ ئۆتۈشمە : I’m listening your ring tone ,come on answer my phone Baby make me happy but don’t you let me down Yo my baby girl, i’m gonna lose my control I miss you so much come on say something to me girl Come on honey just answer my phone Come on honey just answer my phone (تېلېفۇن قوڭغۇرىقىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن،بول تېلېفۇنىڭنى ئال، گۈزەلىم مىنى خۇش قىل ھەرگىز ئازاپلىمىغىن. ھەي چىرايلىق گۈزەلىم،ئۆزۈمنى باشقۇرالمايۋاتىمەن، سىنى بەكلا سېغىندىم ماڭا گەپ قىلغىن. بولغىن گۈزەلىم دەرھال تېلېفۇننى.) قايتارما : بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، بولغىن چاققان تېلېفونىڭنى ئال، ۋاي-ۋۇي! تېلېفۇنىڭنى ئالساڭچۇ؟!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...