
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
تاشلاپ ئوينايلى
پلاستىنكا: باشلامدۇق
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
295

تاشلاپ ئوينايلى - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: تۇرسۇنجان ئۆمەر
1.كۇبلىت: بۈگۈن بەزمە قىلدۇق گۈزەل گۈلباغ ئېچىدە، تىزدۇق ئىسىل نېمەتلەر داستىخان ئۈستىگە. 1.ئۆتۈشمە: قېنى مەرھەمەت سەھنىمىزگە باشلاڭ ئۇسسۇل، ئەمدى قالمىدى تاقەت يەنە ئالدىرار پۇت-قول. ھەممە بىللە ئوينايلى باشلاپ بەس-بەس بىلەن، توختىماستىن ھارماستىن ھەمدە شوخ-شوخ تېمەن. قايتارما: ئۇ يانغا تاشلاپ، بۇ يانغا تاشلاپ تازا ئوينايلى، سىلىپ چوقان-غەلۋە، چۈمۈلگۈچە تەرگە راسا ئوينايلى. 2 .كۇبلىت: بوۋام ئويناپ كەلگەن نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جاھان تارىخ سەيناسىدا قىلىپ ھەم جەۋلان. 2.ئۆتۈشمە: نەغمە قىلماي، ئۇسسۇل سالماي بىزگە خۇشاللىق بولماس، تاشلاپ تازا ئوينىمىغۇچە كۆڭۈللەر تېنماس. كېلىڭ ئۆرگىلىپ-چۆرگىلىپ ئويناپ ياسايلى قاينام، ئۇنى ئۈزمەستىن تۈگەتمەستىن قىلايلى داۋام. قايتارما: ئۇ يانغا تاشلاپ، بۇ يانغا تاشلاپ تازا ئوينايلى، سىلىپ چوقان-غەلۋە، چۈمۈلگۈچە تەرگە راسا ئوينايلى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...