گۈزەل رەنا
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

گۈزەل رەنا

پلاستىنكا: باشلامدۇق

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2011

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 303
گۈزەل رەنا - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
سۆيگۈ مىنى قىينايدۇ،
مەن سىنىڭ ئوتۇڭدىمەن.
خىيالىمدا پەقەتلا سەن،
ۋىسالىڭ كويۇڭدىمەن.

قارىغاندا سەن ماڭا،
قاپلار مىنى ھاياجان.
بىلمىدىڭمۇ سەن ئۇنى،
مەن ئىشقىڭدا سەرگەردان.

مەن سۆزلۈرۈمنى يادلاپ،
تەستە كۆزۈڭگە قاراپ.
ھالىمنى بايان ئەيلىدىم،
سەن لىكىن جاۋاپ بەرمىدىڭ.

ھەي گۈزەل رەنا ماڭا بىر قارا،
ساڭا نۇرغۇن سۆزلۈرۈم بار ئاڭلا.
بىز ئىككىمىز بىللە يۈرگەن چاغلاردا،
بىلىنەر تولىمۇ گۈزەل بۇ دۇنيا.
يالغۇز قالغىنىمنى سورىما ئەسلا،
يۈرىمەن بىچارە كىزىپ كوچا.

مەن يالغاندىن يىراقمەن،
ئىشەنگىن چىن سۆيگۈنۈم.
سەن مەن ئۇچۇن بىردىنبىر،
غەمگۈزارىم كۆيگۈنۈم.

كىرگىن جانان سۆزۆمگە،
بولاي ساڭا ۋاپادار.
ئۇتۇپ كۆڭلۈڭنى قىلاي،
مەن دۇنيارىڭنى رەڭدار.

مەن سۆزلۈرۈمنى يادلاپ
تەستە كۆزۈڭگە قاراپ.
ھالىمنى بايان ئەيلىدىم،
سەن لىكىن جاۋاپ بەرمىدىڭ.

ھەي گۈزەل رەنا ماڭا بىر قارا،
ساڭا نۇرغۇن سۆزلۈرۈم بار ئاڭلا.
بىز ئىككىمىز بىللە يۈرگەن چاغلاردا،
بىلىنەر تولىمۇ گۈزەل بۇ دۇنيا.

يالغۇز قالغىنىمنى سورىما ئەسلا،
يۈرىمەن بىچارە كىزىپ كوچا.
ھەي گۈزەل رەنا ماڭا بىر قارا،
بىز ئىككىمىز،
بىلىنەر تولىمۇ گۈزەل بۇ دۇنيا.
يالغۇز قالغىنىمنى سورىما ئەسلا،
يۈرىمەن بىچارە كىزىپ كوچا.

ھەي گۈزەل رەنا ماڭا بىر قارا،
ساڭا نۇرغۇن سۆزلۈرۈم بار ئاڭلا.
بىز ئىككىمىز بىللە يۈرگەن چاغلاردا،
بىلىنەر تولىمۇ گۈزەل بۇ دۇنيا.
يالغۇز قالغىنىمنى سورىما ئەسلا،
يۈرىمەن بىچارە كىزىپ كوچا.

ھەي گۈزەل رەنا ماڭا بىر قارا،
ساڭا نۇرغۇن سۆزلۈرۈم بار ئاڭلا.
بىز ئىككىمىز بىللە يۈرگەن چاغلاردا،
بىلىنەر تولىمۇ گۈزەل بۇ دۇنيا.
يالغۇز قالغىنىمنى سورىما ئەسلا،
يۈرىمەن بىچارە كىزىپ كوچا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...