
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
يېڭى يىل
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
434

يېڭى يىل - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
سەكرەپ تاقلاپ ئويناقلاپ، يېڭى بىر ياشنى باشلاپ، كۆزۈم تۆت بولغان ساقلاپ، كەلدى ئەنە يېڭى يىل. ئاۋازىمنى ياڭرىتىپ، ھەممە ياققا ئاڭلىتىپ، قانغۇچە ئوينىۋالاي، بۈگۈن مەن يايرىۋالاي. بۈگۈن جەم بولدۇق ساۋاقداشلار، دوسىتلار، ئېيىق، مايمۇن، شىر پادىشاھ، قۇشلار. كەل-كەل ئوينايلى بىللە ئوينايلى، لىكىن ئەسكى كەپسىز بولۇپ قالمايلى. يولنىڭ بويىدا نۇرغۇن قار بوۋاي، كۈلۈپ تۇرىشار سوغۇقتا توڭلىماي. ئاپپاق دالا، ئەنە قارا، قارا، كەلدى قار مەلىكە، يەتتە پاپا. سەكرەپ تاقلاپ ئويناقلاپ، يېڭى بىر ياشنى باشلاپ، كۆزۈم تۆت بولغان ساقلاپ، كەلدى ئەنە يېڭى يىل. ئاۋازىمنى ياڭرىتىپ، ھەممە ياققا ئاڭلىتىپ، قانغۇچە ئوينىۋالاي، بۈگۈن مەن يايرىۋالاي. سوۋغات ئېلىپ، مەھكەم سىلىپ، ئاندىن دوستلىرىمغا چالا قويماي بېرىپ، سوۋغات يەتمىدى لىكىن كۆڭلۈم بار ئىدى، ئەپسۇس! يەنە ئالاي دىسەم پۇلۇم قالمىدى. بولسا، بولسا مېنىڭكىمۇ بولسا، ھەر كۈنى ئىچىل داستىخىنىم ياندا بولسا، بەك ياخشى بولاتتى! شۇ چاغدا، بېرەر ئىدىم كىشىلەرگە نېمە لازىم بولسا. سەكرەپ تاقلاپ ئويناقلاپ، يېڭى بىر ياشنى باشلاپ، كۆزۈم تۆت بولغان ساقلاپ، كەلدى ئەنە يېڭى يىل. ئاۋازىمنى ياڭرىتىپ، ھەممە ياققا ئاڭلىتىپ، قانغۇچە ئوينىۋالاي، بۈگۈن مەن يايرىۋالاي. ئابلاجان ئوينايلى! ئوينايلى! قار تىيىلىپ ئوينايلى! ئاپئاق قارغا مىلىنىپ بىز قار بوۋايغا ئوخشايلى! سائەت تۆتتىن ئون بەش بولاي دىدى كەچ، قاردا تۈگۈپ سامسا كۆمەچ قورساقلارنى توقلايلى. قار ياغدى لەپ-لەپ بىز ئوينايمىز سەكرەپ، مەھكەم كىيگىن پوسماڭنى قىش قىلمىسۇن بوزەك. ئوينىۋالغىن تازا قېنىپ بۈگۈن بايرام يېڭى يىل، بىزگە ئامەت ئېلىپ كەلسۇن خوپ مۇبارەك يېڭى يىل. سەكرەپ تاقلاپ ئويناقلاپ، يېڭى بىر ياشنى باشلاپ، كۆزۈم تۆت بولغان ساقلاپ، كەلدى ئەنە يېڭى يىل. ئاۋازىمنى ياڭرىتىپ، ھەممە ياققا ئاڭلىتىپ، قانغۇچە ئوينىۋالاي، بۈگۈن مەن يايرىۋالاي. سەكرەپ تاقلاپ ئويناقلاپ، يېڭى بىر ياشنى باشلاپ، كۆزۈم تۆت بولغان ساقلاپ، كەلدى ئەنە يېڭى يىل. ئاۋازىمنى ياڭرىتىپ، ھەممە ياققا ئاڭلىتىپ، قانغۇچە ئوينىۋالاي، بۈگۈن مەن يايرىۋالاي.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...