
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
يىگىت-قىزلار
پلاستىنكا: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
407

يىگىت-قىزلار - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
سىنى كۈندە كۆرمىسەم زادى بولماس، مەستانە يۈرۈگۈم رازى بولماس. سېغىنىش مېنى ئارامىمدا قويماس، كۆرمىگۈچە كۆزۈم ئۇيقۇغا بارماس. (تاتلىق سۆزلۈرۈڭ كۆڭلۈمنى ئالالماس، يۈرۈگۈم يارىسىنى ياپالماس. يوقالغان سۆيگۈنى ئويغىتالماس، مۇھەببەت كۆڭلۈمدىن ئورۇن ئالالماس. ۋاپاسىزغا ئامال يوق، ئەمدى گول بولغۇم يوق. ماڭا بەرگىنى ئازاپ، ئۇندا ھېچ خۇشاللىق يوق.) چاقچاق قىلما ئوماق قىز، بىزگە تېل تەككۈزمە ھەرگىز. ئالەمنىڭ تۈۋرىگى مانا بىز يىگىتلەر بىز! كىم؟ بىز! ۋىيەي! مانا بىز! ھە… يىگىتلەر بۇ ياقتا، قىزلار ئۇ ياقتا. كۆزلەر بېقىشماقتا، كۆڭۈل ئىزھار ئىتەلمەي. تاشلاپ كىتەلمەي، ئەخماق بولۇشماقتا. بۇ ياشلىقتا. يىگىتلەر بۇ ياقتا، قىزلار ئۇ ياقتا. كۆزلەر بېقىشماقتا، كۆڭۈل ئىزھار ئىتەلمەي. تاشلاپ كىتەلمەي، ئەخماق بولۇشماقتا. بۇ ياشلىقتا. مۇزىكا سىنى كۆرسەملا بولارمەن پەرىشان، خۇشاللىقىم قاچار مەندىن شۇئان. نېمىشقا شۇنچىلىك تار بۇ جاھان، ھەممە يەردە كىشىنى بىزار قىلغان. بىلىمەن سۆزلۈرۈڭ ھەممىسى يالغان، تەييار قىلىپ رەتكە تېزىۋالغان. سەن ماڭا بۇرۇنلا مەپتۇن بولغان، كۆزلۈرۈڭ ھەممىنى قىلدى بايان. قىزلار تۈزۈت قىلىدۇ، شۇنچە تەمكىن يۈرۈيدۇ. ئېغىزىدا چوڭ سۆزلەپ، دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. بولدى چىشىمغا تەگمە، ئۈمۈد كۈتۈپ كەتمە. يولۇڭغا كىتىۋال، ئەمدى قىلمىغىن غەلۋە. يىگىتلەر بۇ ياقتا، قىزلار ئۇ ياقتا. كۆزلەر بېقىشماقتا، كۆڭۈل ئىزھار ئىتەلمەي. تاشلاپ كىتەلمەي، ئەخماق بولۇشماقتا. بۇ ياشلىقتا. يىگىتلەر بۇ ياقتا، قىزلار ئۇ ياقتا. كۆزلەر بېقىشماقتا، كۆڭۈل ئىزھار ئىتەلمەي. تاشلاپ كىتەلمەي، ئەخماق بولۇشماقتا. بۇ ياشلىقتا. (قاراپ قويسام يەنە، كۆزى چۈشتى دىمە. كۈلۈپ قويسام تېخى، كۆيۈپ قالدى دىمە.) رەنجىمە گۈزەل قىز، ئۇنداق ئەمەس ھەرگىز. ۋاقتىڭ بولسا مەرھەممەت، قەھۋە ئىچىپ كىلىمىز. ۋاقتىم يوق كەچۈرگىن، يولۇمنى توسمىغىن. ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاۋارە بولمىغىن. ئۇنداق بولسا مەيلى، كۆرۈشۈپ تۇرايلى. نومۇرىڭنى قالدۇرغىن، بىز دوسىت بولۇپ ئۆتەيلى. ئو ئو ئو ئو ئو ئو يىگىتلەر ئۇ ياقتا، قىزلار بۇ ياقتا. كۆزلەر بېقىشماقتا، كۆڭۈل ئىزھار ئىتەلمەي. تاشلاپ كىتەلمەي، ئەخماق بولۇشماقتا. بۇ ياشلىقتا يىگىتلەر ئۇ ياقتا، قىزلار بۇ ياقتا. كۆزلەر بېقىشماقتا، كۆڭۈل ئىزھار ئىتەلمەي. تاشلاپ كىتەلمەي، ئەخماق بولۇشماقتا. بۇ ياشلىقتا. يىگىتلەر ئۇ ياقتا، قىزلار بۇ ياقتا. كۆزلەر بېقىشماقتا، كۆڭۈل ئىزھار ئىتەلمەي. تاشلاپ كىتەلمەي، ئەخماق بولۇشماقتا. بۇ ياشلىقتا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...