ئاتا ئارزۇسى «ھايات باشقا ياشاش باشقا»
ئابلەت ئابلىكىم

ئاتا ئارزۇسى «ھايات باشقا ياشاش باشقا»

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

ئابلەت ئابلىكىم ھەققىدە:
ئابلەت ئابلىكىم 1971-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور ، شىنجاڭ ئاممىباب مۇزىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ مېۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙوﺯﯨﺘﯘﺭ ﮬﻪﻡ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ، ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺳۆﻳﯘﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ كېلىۋاتقان، «ﺋﯘﯞﺍﻟﯩﻢ»، «ﺟﺎﻧﺎﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ»، «ﺋۆﺯﻩﻣﻨﯩﯔ شورى ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 927
ئاتا ئارزۇسى «ھايات باشقا ياشاش باشقا» - ھەققىدە:
تېكىستى: ئىلھامجان مەمەتنىڭ
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىمنىڭ 
ھايات كۈتكەننى بەرگەيمۇ،
كۆزۈڭ تولغان بىلەن ياشقا.
يېنىپ كەلگەيمۇ كەتكەنلەر،
بېشىڭ ئۇرغان بىلەن تاشقا.

كۆزۈڭ كۈلسە كۆڭۈل كۈلمەي،
ھايات باشقا، ياشاش باشقا.
نېمە دېمەيدۇ ھەر كىملەر،
ئەلەم كەلمىگۈچە باشقا.

ھاياتتا ھەر نەپەس نېمەت،
ئوڭ- تەتۈرلىرى ھېكمەت.
ئۆمۈر شېرىن ئۆتەر دائىم،
قانائەت بولسا ساڭا ھەمرا.

كۆزۈم تويماس، كۆڭۈل قانماس،
ماڭا ئارمان يورۇق دۇنيا.
ئۆمۈر داۋامى يەتكەيمۇ،
سۆيۈپ سىلەرنى ياشاشقا.

ئىناقلىق گۆھىرى قالدى،
يىگىت- قىز بارمۇ ئاسراشقا.
قېرىنداش بارمۇ ئاسراشقا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...