ساما
ئابلەت ئابلىكىم

ساما

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006

ئابلەت ئابلىكىم ھەققىدە:
ئابلەت ئابلىكىم 1971-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور ، شىنجاڭ ئاممىباب مۇزىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ مېۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙوﺯﯨﺘﯘﺭ ﮬﻪﻡ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ، ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ 15 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺧﻪﻟﻖ ﺳۆﻳﯘﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ كېلىۋاتقان، «ﺋﯘﯞﺍﻟﯩﻢ»، «ﺟﺎﻧﺎﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﺍ»، «ﺋۆﺯﻩﻣﻨﯩﯔ شورى ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 728
ساما - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەدئەلى زۇنۇن تەشنائىي
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم 
ساما سەيناسى، بىرلىك دۇنياسى،
ساما خەلقىمنىڭ، ئاشىق تەشناسى.
ساما، ساما دەيمۇ؟ ساما دەيمۇ؟ باھارغا تاڭ سابا، سابا دەيمۇ؟
نىمجانغا جان دەرمان، مادار بەرگەن، ئۇلۇغ مەلھەم داۋا، داۋا دەيمۇ؟
ساما قاينايدۇ، دوستۇم ساما سال،
ساما تەختىمنىڭ شاھى بولۇپ قال.

مىراس سەن بىزگە ئەجدادتىن، جەسۇر مەردانە كارۋاندىن،
خۇشال بولمايدىغان كىم بار؟ ساما سالغان بۇ مەيداندىن.
ئىناقلىق مېھرى تارالغان، بىز ئوينىغان سامادىن،
خۇشال بولمايدىغان كىم بار؟ ساما سالغان مەيداندىن.
ساما سەيناسى، بىرلىك دۇنياسى،
ساما خەلقىمنىڭ، ئاشىق تەشناسى.

ئەركەكلەر ساماسىغا، زىمىن-ئاسمان قىلۇر خەندە،
ساما سال قان قېرىندىشىم، تاغدەك كۈچ-قۇۋۋەت سەندە.
ساما سالساق كارامەت، ئوت چاقنايدۇ تاپاندىن،
ساما ئۆزى يارالغان، يۈرەكتىكى ساپ قاندىن.
ساما سەيناسى، بىرلىك دۇنياسى،
ساما خەلقىمنىڭ، ئاشىق تەشناسى.
ساما قاينايدۇ، دوستۇم ساما سال،
ساما تەختىمنىڭ شاھى بولۇپ قال.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...