ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە قىسقىچە بايان
ئاپتور: مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى،
سەھىپە: كىشى ئىسىملىرى
481 قېتىم ئوقۇلدى
كىشى ئىسىملىرى - ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا كىشىلەر بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ۋاسىتە. ئىسىمنى قانداق قويۇش - تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە كىشىلەر جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىر مەسىلە. چۈنكى، پەرزەنتلەرگە ئۆزگىچە، چىرايلىق، مەنىلىك، مۇۋاپىق ئىسىم قويۇشمۇ بىر خىل مەدەنىيەت. كىشى ئىسىملىرىنىڭ توغرا ئاتىلىشى، تىل تەركىبى، قاتلاملىرى، ئۆزگىرىشلىرى، تارىخى، كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسىنى بىلىش، بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياخشى تاللىنىشى، توغرا ئاتىلىشى، خاسلىققا ئىگە بولۇشى ۋە ساپلىقى مەلۇم بىر مىللەت، مەلۇم بىر جاي ۋە مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
كىشى ئىسىملىرىمۇ روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدا شۇ دەۋرگە خاس ئۆزگىچىلىكلەر، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە جەمئىيەت تەسىرى مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغاچقا، تەرەققىيات تارىخىي ئېقىنلىرىدا بەلگىلىك دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرمەي قالمىغان. ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى كىشى ئىسىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مۇقەررەر ھالدا ئۆزگىرىپ بارغان. ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، كىشى ئىسىملىرىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك روشەن بايقىلىدۇ.
كىشى ئىسىملىرى تەبىئەت ۋە كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتى، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقادى، ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇنقى ئوۋچىلىق دەۋرلىرىدە بالىلىرىغا شۇ چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە توتېم ئادەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىسىملارنى قويغان. ئىپتىدائىي دەۋردىكى ئەڭ تۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئوۋچىلىق بولۇپ، كىشىلەر ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەكنى ئاشۇ ھايۋانات دۇنياسىدىن ئالاتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئالاقىدار جانىۋارلارنى چەكسىز ئۇلۇغلايتتى كىشىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۇ خىل توتېم ئەقىدىسىگە ئاساسەن، ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن، ئارسلان، ياغان (پىل)، بۇرسلان (قاپلان)، چاغرى (لاچىن)، قاچىڭار (قوچقار)، قوزى، بۈركۈت، ئېيىق، بۆرە قاتارلىق ھايۋان ئىسىملىرى كىشى ئىسمى قىلىنغان ھەمدە بۇ ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا «تېكىن» (شاھزادە)، «بۆكە» (باتۇر)، «بەگ»، «بىكە» (خېنىم) قاتارلىق قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ، «ئارسلانتېكىن»، «ياغانتېكىن»، «چاغرىتېكىن»، «چاغىرىبەگ»، «قاچىڭار بۆكە»، «قوزىبىكە» دەپ ئاتالغان. ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئوۋچىلىق تېخىمۇ رەڭگارەڭ تەبىئەتنىڭ قوينىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، ئىنسانلار ئۇچرىشىدىغان شەيئىلەر تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مول بولغان زۇمرەتتەك سۈزۈك ئاسمان، كۆپكۆك دېڭىز، ئىللىق قۇياش، نۇرلۇق ئاي، جىمىرلاپ تۇرغان سانسىزلىغان يۇلتۇزلار، ھەيۋەتلىك تاغ-دەريالار، تۈرلۈك دەل-دەرەخلەر، كەڭ ھالىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان گۈل-گىياھلار كىشىلەرنىڭ سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ئاجايىپ گۈزەل ھېسلارنى ئويغاتقان، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئىسىملار بارلىققا كەلگەن. «ئوغۇزنامە» داستانىدا، ئوغۇزخاننىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا «كۈن. ئاي، يۇلتۇز، كۆك. تاغ، تەڭىز (دېڭىز) دەپ ئىسىم قويغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئورخۇن-يەنسەي يادىكارلىقلىرىدا «كۆلتېكىن»، (ئەقلى كۆلدەك شاھزادە)، «بىلگە قاغان» (بىلىملىك خان)، «قۇتلۇغبىلگە قاغان» (بەختلىك، دانىشمەن شاھ) دېگەن كىشى ئىسىملىرى ئۇچرايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىدە «كۇنتۇغدى»، «ئايتولدى»، «ئۆگدۈلمىش» (ئەقىل ئىگىسى)، «ئۈدغۈرمىش» (ئويغانغان ؛ ئۇيۇشقان) دېگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئالپ ئەر توڭا» (قاپلاندەك باتۇر ئەر)، «قاتمىش» (قاتقان)، «قاۋشۇت» (كېلىشتۇر)، «قەدىر» (قەيسەر، كەسكىن)، «ئالىپتېكىن» (باتۇر شاھزادە)، «قۇتلۇغتېكىن» (بەختلىك شاھزادە)، «بۆگۈبىلگە» (ئەقىللىق ئالىم) دېگەن كىشى ئىسىملىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كەڭ ئەكس ئەتكەن. بۇددا دىنى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان مەزگىللەردە يۇقىرىقى كىشى ئىسىملىرىدىن سىرت، «ئاچارى» (ھەزرەت، تەقسىر)، «ئاچىتا» (ئاسماندىكى مۇزىكانت)، «ئابىتا» (بۇت)، «راتنا» (گۆھەر، ئۈنچە) «باقشى» ( موللا، ئۇستاز)، بۇرخان قۇلى (بۇددانىڭ قۇلى)، نوم قۇلى (دىن قۇلى)، «تەڭرىتۇغمىش» (خۇدا ياراتقان)، «تويىن» (راھىب)، «قاراتويىن» (چوڭ راھىب)، «تەڭىرلى» (خۇداگۇي، مۆمىن)، «بۇرخان» (تەڭرى، بۇددا) دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارمۇ قوللىنىلاتتى. «تۇرپان تېكىستلىرى» دىكى ئېلىم-بېرىمگە دائىر ھۆججەتلەردە «ئىلچى قارا باقشى» (ھۆكۈمدار چوڭ ئۇستاز)، «قىيۇمتۇ» (ھوشيار)، «بەگبۇقا»، «بۆكەبارس» (يولۋاستەك باتۇر)، «قاپان» (قاۋان) دېگەندەك ئىسىملارنىڭ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم.
مىلادىيە 10- ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئىسلام دىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇ دىن ئەينى ۋاقىتتا تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتتى. بۇ خىل ۋەزىيەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىمۇ ئەكس ئەتتى. كىشىلەر ئىسىم قويۇشتىمۇ ئىسلام دىنى مەۋقەسىنى ئاساس قىلدى. بۇ دىنغا بولغان ئەقىدىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى، شۇنىڭدەك ئەرەب تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بۇرۇنقى ئىسىملارنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەرەبچە ئىسىملار ئىگىلىدى. كىشىلەر ئىسىم قويۇشقا موللىلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ. ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئەرەبچە ئىسىملارنى قويدۇردى، ئەرەب تىلىغا مەنسۇپ بۇ خىل ئىسىملار ئاللاغا بولغان كۈچلۈك ئېتىقاد، ئىسلام دىنىغا بولغان يۈكسەك ساداقەتنى ئىزھار قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇرچە ئىسىملار بىلەن ئەرەبچە ئىسىملار راسا ئارىلىشىۋاتقان مەزگىل بولدى. مەسىلەن. «ئەلى ئارسلانخان، ئەلى ئىلىكخان، مۇھەممەد توڭاخان، بىلگە كۆل قادىرخان، مۇسا تېكىن، ھارۇن بۇغراخان، مەنسۇر ئارسلانخان» دېگەن ئىسىملار تەركىبىگە «ئەلى، مۇھەممەد، قادىر، مۇسا، ھارۇن، مەنسۇر» دېگەنگە ئوخشاش ئەرەبچە ئىسىملار ياكى ئەرەبلەشكەن ئىسىملار قوشۇلغان. قاراخانىيلارنىڭ خاقانى بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، ھەتتا بۇ دىنغا بولغان ئىخلاسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىسمىنى «ئابدۇلكەرىم» (كارامەتلىك. سېخىي ئاللانىڭ بەندىسى) دېگەن تولۇق ئەرەبچە ئىسىمغا ئۆزگەرتكەن. شۇنداق قىلىپ ئەرەبچە كىشى ئىسىملىرىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ قالغان. پۈتۈنلەي ئەرەبچە ئىسىم قويىدىغانلار بارا-بارا كۆپەيگەن. كىشىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئالدى بىلەن ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى (99 گۈزەل ئىسىم) نى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى (105 گۈزەل سۈپەت)، «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنغان باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى، چاھاريارلار، مالائىكىلەر، بۈيۈك ئانىلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە تۇغقانلىرى، ئىسلام تارىخىدىكى قەھرىمان شەخسلەر، «قۇرئان كەرىم» دىكى سۈرە-ئايەتلەرنىڭ نامىنى، باشقا تۈرلۈك دىنىي كىتابلار ۋە جەڭنامىلەردىكى ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن. بىرىنچى تەركىبى «ئابدۇ» (قۇل، بەندە، ئىنسان، كىشى) بىلەن كەلگەن «ئابدۈلئەھەد» (بىر ئاللانىڭ بەندىسى)، «ئابدۇرەشىد» (توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى)، «ئابدۇرەھمان» (مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى) دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار ئەرەبچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئەرلەر ئىسىملىرىدىن كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى دە ئەڭ ياخشى ئىسىم دەپ قارايدىغىنى ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم بولدى. كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن پەرزەنتلىرىگە «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى كۆپرەك قويدى. بەزى ئاتا-ئانىلار ئەگەر ئۈچ ئوغلى بولسا، ئۇنىڭ بىرىگە «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى قويىدىغان بولدى. مەسىلەن، قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچىدىلا «مۇھەممەد» ئىسىملىك خانلاردىن بەشى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر يەنە «مۇھەممەد» نى سۈپەت قىلىپ، ئىككىنچى بىر ئىسىمنى ئۇنىڭ ئارقىسىغا ياكى ئالدىغا قوشۇپ، «مۇھەممەدئەمىن» (مەمتىمىن)، «مۇھەممەدئەلى» (مەمتىلى)، «مۇھەممەدرەھىم» (مەترەيىم)، «مۇھەممەدتۇرسۇن» (مەتتۇرسۇن)، «نۇرمۇھەممەد» (نۇرىممەت)، «توختىمۇھەممەد» (توختىمەت)، «يارمۇھەممەد» (يارمەت)، «شىرمۇھەممەد» (شىرمەت) دېگەنگە ئوخشاش قوش تەركىبلىك ئىسىملارنى قوللىنىشنى ئادەت قىلدى. خوتەن قاتارلىق جايلاردا بۇ خىل ئىسىملار كۆپ ئۇچرايدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ قوللىنىلغان. مەسىلەن، «مەھمۇد، ئەھمەد، قاسىم، ھامىد، رەسۇل، ياسىن، ناسىر، ھاپىز، ئادىل، ھەكىم، مۆمىن» دېگەندەك ئىسىملارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ تېپىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ چاغدا، ئاياللار ئىسىملىرىنىڭمۇ ئەڭ ئالقىشلىنىدىغانلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، قىزلىرى ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىسمى بولغان. مەسىلەن، پاتىمە، ئائىشە (ئايشەم)، خەدىچە (خەلىچە)، زەينەب، ئۇمۇكۈلسۇم، بىلقىس (بېلىقىز)، راھىلە، مەريەم، ئۇزرا (ھۆزرا) دېگەنلەردەك.
يۇقىرىقىلارغا ئەگىشىپ، بۇ دەۋردە دىنىي مەزمۇن بىۋاسىتە ئەكس ئەتكەن ئىسىملار ۋە «ئاللا»، «دىن» دېگەن سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ دىنىي مەزمۇن ئىپادىلەنگەن ئىسىملارمۇ كەڭ قوللىنىلدى. مەسىلەن، «ئىمان، ئىسلام، ئىبادەت، ساجىدە، ئابىدە، ئاقائىد، ئايەت، نۇرۇللا، نۇرىدىن» دېگەنلەردەك.
ئەرەبچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئارىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ كۆپ قوللىنىلغان. بۇلار گەرچە ئىبرانىي تىلىنى مەنبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان ئىسىملار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەب تىلى ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ تىللىرىغا ناھايىتى ئۆزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئەرەبچە ئىسىملاردەكلا بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ ئەرەبلەشكەن ئىسىملاردۇر. مەسىلەن، «داۋۇد، مۇسا، سۇلايمان، ئېيسا، ئىدرىس، يەھيا، ئىلياس، ياقۇپ، يۈسۈپ، ئىبراھىم. ئىسمائىل، ئىسھاق» دېگەندەك كىشى ئىسىملىرى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدىلا تۆتىنىڭ ئىسى «يۈسۈپ، سۇلايمان، ئىبراھىم» دۇر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەركىبىدە ئەرەبلەشكەن رىمچە ئىسىملارمۇ بار.مەسىلەن، ئىسكەندەر (ئەسلىيسى ئالىكساندىر)، قەيسەر (ئەسلىيسى كايسار) دېگەندەك.
قاراخانىيلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى ئارىسىدا ھەتتا پۈتۈنلەي ئەرەب ئۇسلۇبى بويىچە قويۇلۇپ، ئۆز ئىسمى بىلەن دادىسىنىڭ ئىسمى ئوتتۇرىسىغا «بىن» (ئوغۇل) سۆزى قوشۇلۇپ ئىپادىلىنىدىغان بولدى. مەسىلەن، «مەھمۇد بىن يۈسۈپ» «يۈسۈپنىڭ ئوغلى مەھمۇد)، «ھەسەن بىن سۇلايمان» (سۇلايماننىڭ ئوغلى ھەسەن)، «ئىبراھىم بىن ئەھمەد» (ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئىبراھىم) دېگەنلەرگە ئوخشاش.
ئىسلام شەرق مەدەنىيىتى تارىخىدا ئەرەب مەدەنىيىتى دەۋرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئاخىرلىشىپ، تۆمۈرىلەر دەۋرى، يەنى چاغاتاي دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، تاكى ئاپاق خوجا دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەرگىچە پارس تىلىمۇ ئۇيغۇر مەدرىسەلىرىدە ئەرەب تىلىغا ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى، ھەتتا ئۇ ئوردا ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدىمۇ خىزمەت قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا نەۋايى قاتارلىق مەشھۇر شائىر، ئەدىبلەر پارس تىلىدا ئەسەر يېزىپ، «قوش تىل ئىگىلىرى» دەپ ئاتالغان. شۇڭا، پارس ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىكى گۈزەل مەنىلىك، نادىر سۆزلەر ۋە پارس كىشى ئىسىملىرىمۇ ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ تاللايدىغان ئىسىملاردىن ئىدى. مەسىلەن، «باھار، پەرھاد، شېرىن، گۈلزار، چىمەن، گۈلچېھرە، گۆھەر، دىلبەر، گۈلىستان، ماھىدىل، ماھىرۈي، دىلشاد، مىرزا، خوجا، نەۋرۇز، نىياز، شاھمىرزا، روزى، ئەختەر» دېگەنلەرگە ئوخشاش ئىسىملارمۇ بىرقەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئارقىلىق ئەرەبچە، پارسچە كىشى ئىسىملىرى قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇرچە بەزى ئىسىملار يەنە داۋاملىق ساپ پېتىچە ساقلىنىپ قالدى مەسىلەن، «ئارسلان، يولۋاس، ئالتۇن، ئارتۇق، ئارىش، بەكتۇر، قۇتلۇق، بەگقۇلى، قوزى، يۇلتۇز، خانبابا، ئوغۇز، ئايخان، ئوغۇلخان، ئوغۇلئاي» دېگەنلەرگە ئوخشاش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئىچىدە پەرزەنت كۆرەلمىگەنلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن تاسادىپىي پەرزەنت كۆرسە، ئاللاغا بولغان تەشەككۈرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بالىلىرىغا «ئاللابەردى»، «ئىگەمبەردى»، «خۇدابەردى»، «كەرىمبەردى»، «شاھىمبەردى» دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان. ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمىغانلار قىزىغا «ئوغۇلخان، ئوغۇلنىسا، ئوغۇلئاي» دەپ ئىسىم قويغان. پەرزەنتى تۇرمىغانلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، كۆپىنچە «تۇرسۇن، تۈردى، تۇر، تۇرغۇن، توختى، توختاش» قاتارلىق ئىسىملارنى قويغان ۋە بۇ ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا «گۈل، قىز، خان، ئاي، ئايىم، خېنىم، نىسا» دېگەن ئىسىملارنى قوشۇش ئارقىلىق «تۇرسۇنئاي، تۇردىخان، توختىگۈل، تۇرنىسا» دېگەندەك ئاياللارنىڭ ئىسمىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىلگىرىكى چاغلاردا يەنە، كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ جېنىنىڭ مەھكەم بولۇشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلەپ «پولات. تۆمۈر، تاش، تاشپولات، تاشتۆمۈر، ئالماس» دېگەندەك ئىسىملارنى ؛ بالىلىرىنى كۆز تېگىشتىن ساقلاش، سالامەت چوڭ قىلىش ئۈچۈن «چاۋار، پاسار. ئەخلەت، يانتاق، پالتا، سۈپۈرگە، كەكە، چورۇق، كېپەك، تۇقا، بوسۇغا» دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى قويۇش ئادىتى بولغان. قەدىمكى چاغلاردا شەكىللەنگەن قەبىلە، ئۇرۇق، ئەجداد ناملىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىگە ئاساسەن، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئىسىملىرىنى مەيلى ئۇ ئەرەبچە، پارسچە بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە بولسۇن، مەيلى مەنىسى ياخشى ياكى ئادەتتىكىدەك بولسۇن، يېڭى تۇغۇلغان بالىغا يۆتكەش ئەھۋالى ھېلىھەم مەۋجۇت. «كۈسەن، باغراش، سايرام، بۇغدا، تارىم، كەلپىن، ئىدىقۇت، ئۇدۇن، ئارتۇچ، دولان» دېگەندەك يەر-جاي ناملىرى ؛ «ئۇيغۇر، ئوغۇز، قارلۇق، تۈرك، تۈركەش» دېگەندەك مىللەت ياكى قەبىلە ناملىرىنى ئىسىم-فامىلە ئورنىدا ئاتاشمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە قەدىمدىن تارتىپ ھېيت-بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەرنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمى قىلىپ قوللىنىشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، نەۋرۇزدا تۇغۇلغان بالىلارغا نەۋرۇز (نورۇز)، ئۇشۇر ئېيىدا تۇغۇلغان بالىلارغا ئۈشۈر ( ھۇشۇر)، بارائەت ئېيىدا تۇغۇلغان بالىلارغا بارائەت (بارات)، رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان بالىلارغا رامىزان، رۇزى، سائىم (روزا تۇتقۇچى)، رەجەب، شەئبان ئايلىرىدا تۇغۇلغان بالىلارغا رەجەب، شەئبان (شەيبان، شابان، شاۋان) دەپ ئىسىم قويغان. ھېيت كۈنلىرى تۇغۇلغان بولسا، ھېيت، ئايەم، قۇربان دېگەن ئىسىملارنى، سەپەر ئېيىدا ياكى سەپەردە تۇغۇلغان بولسا، سەپەر، سەپەرگۈل ؛ مەمۇرچىلىق، ئاۋات پەسىللەردە ياكى باھار پەسلىدە تۇغۇلغان بولسا مەئمۇر ( مامۇر)، مەئمۇرە، باھارگۈل دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشقان.
يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى، يېڭى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخ بىلىملىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە كىشىلەردىكى گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم تاللاش قارىشىدىمۇ پەيدىنپەي ئۆزگىرىش بولدى. بەزى ئاتا-ئانىلار ئىسىم قويۇشتا بارغانسېرى دەۋر روھىنى ئەكسى ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، نەزىرىنى نوقۇل ئىسلام خاھىشلىرىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە يۆتكىگەن ئىسىملارنى تاللاشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ : (1) ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا ئۆزى ھۆرمەت قىلغان ۋە چوقۇنغان مىللىي قەھرىمانلار، داڭلىق شەخسلەر، شائىر، ئەدىبلەرنىڭ ئىسمىنى قويۇش. مەسىلەن، نۇزۇكۈم، رىزۋانگۈل، ئابدۇخالىق، مۇتەللىپ، پۇرقەت دېگەندەك. (2) ئەسلىدە ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن «ئابدۇ» قوشۇلۇپ ياسالغان بىرىكمە ئىسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ ( «ئابدۇ» نى قوشماي)، ئادەتتىكى ئىسىمغا ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش. مەسىلەن، رەشىد، سەمەد، ئەھەد، رەھىم، ئەزىز، غاپپار، ۋاھاب دېگەندەك. (3) ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملار بىلەن ئۇيغۇرچە ئىسىملار ئۆز ئارا ئارىلىشىپ كەلگەن مۇرەككەپ تەۋەلىك ياسالما ئىسىملارنى ئىشلىتىش. مەسىلەن، نىيازمۇھەممەد (پارسچە-ئەرەبچە)، مۇھەممەد توختى (ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە)، تۇرسۇننىسا (ئۇيغۇرچە-ئەرەبچە)، تۇرغۇنپاشا (ئۇيغۇرچە-پارسچە)، مىرزىبەگ (پارسچە-ئۇيغۇرچە)، تۇنساگۈل ( ئۇيغۇرچە-ئەرەبچە-پارسچە)، گۈلھاجىقىز (پارسچە-ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە) دېگەندەك. يۇقىرىقىدەك ياسالما ئىسىملارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسىم مەدەنىيىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىسىملاردا ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملار ئۆزگىچە بىر گەۋدىگە ئايلىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەركىبىگە ئۇيغۇرچە ئىسىملارمۇ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە سىڭىپ كىرىپ، خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.
بۈگۈنكى زاماندا، ئۇيغۇر خەلقى يېڭىچە كىشى ئىسىملىرى ئارقىلىق يېڭى تۇرمۇش، يېڭى ئىدىيەگە بولغان ئىنتىلىشىنى قىزغىن ئىپادىلىدى. ئىسىم مەدەنىيىتىدە بىر تەرەپتىن، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسىملار گۈزەللىشىش، كۆپ خىللىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. چۈنكى، كىشى ئىسىملىرى ئادەتتە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى تۈپەيلىدىن دەرھال ئۆزگىرىدىغان سىياسىي ئاتالغۇلارغا ئوخشىمىسىمۇ، بىراق «ئوخشاش بولمىغان زامان، دەۋر ۋە بۇ چاغدىكى ھۆكۈمران ئاڭ-ئەقىدىلەر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي سوستاۋىغا تەسىر كۆرسەتمەيمۇ قالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە شۇ مىللەت كىشىلىرى بېشىدىن كەچۈرگەن دەۋرلەر ۋە شۇ مەزگىلدىكى سىياسەت، مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ». ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى سوتسىيالىزم دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيانقى 60 يىللىق ئەھۋاللارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يېڭى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشى ئىسىملىرى سىستېمىسىدىمۇ زامانغا ماس يېڭى يۈزلىنىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1992- يىلى 3- سان). مەسىلەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا، بولۇپمۇ يەر ئىسلاھاتى مەزگىللىرىدە كەڭ دېھقانلار ئارىسىدا ئۆز بالىلىرىغا «ئازاد، نىجات، ئەركىن، ئىسلاھات، ھۆرىيەت» دېگەندەك ئىسىملارنى، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» مەزگىللىرىدە «دولقۇن، يالقۇن، غەيرەت، ئۆركەش، پولات، تۆمۈر» دېگەندەك ئىسىملارنى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىللىرىدە بولسا «غەلىبە، غالىب، جۈرئەت، ئىلغار، قەھرىمان، باتۇر، ئۇچقۇن، جەسۇر، مەدەنىيەت، كۈرەش، قەيسەر، ئىسيان، ئەزىمەت» دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى قويغانلار ناھايىتى كۆپ بولغان.
ھازىرقى ۋاقىتتا كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىخچام بولۇشىنى ياقلاش ئومۇميۈزلۈك خاھىشقا ئايلانماقتا. ياشلاردا، خۇسۇسەن شەھەر ياشلىرى ئىچىدە قوش تەركىبلىك ياكى كۆپ تەركىبلىك ئىسىملار تەدرىجىي ئازايماقتا. قىزلارنىڭ ئىسىملىرىدا گۈزەل، يېڭى بولۇشنى كۆزلەش ئاساسىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكىدەك، ئەرلەر ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا «خان، گۈل، قىز، نىسا» نى قوشۇپلا «توختىخان، نىيازخان، قۇربانخان، تۇردىگۈل، تۇرغۇنگۈل، تۇرۇپقىز، تۆرەمقىز، تۇرسۇننىسا، توختىنىسا» دېگەندەك خوتۇن-قىزلار ئىسىملىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ئىشلىتىدىغان ئەنئەنە پەيدىنپەي ئاجىزلاشماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسىملارنىڭ مەنىلىك، يېڭى بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش بارغانسېرى ئادەتكە ئايلانماقتا. ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. نېمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىسىملارنى بالىلىرىغا قويۇشنى كىشىلەر ئانچە راۋا كۆرمەيدىغان بولدى. مەسىلەن، «سەدرىدىن، بەدرىدىن، غىياسىدىن، زىيائۇللا، سەئدۇللا» دېگەندەك ئىسىملارنى بالىلار ئىسىملىرىدا كەمرەك ئۇچرىتىمىز. دىنىي دەرىجە-ئەمەل ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇشمۇ پەيدىنپەي ئاز قالدى. مەسىلەن، «ئىمام، مەۋلام (موللام)، خەلپىتىم (خەپتىم)، مەخدۇم (مەخسۇم)، سۇپى، قازى، مۇپتى، ئەلەم، ئىشان، داموللام، خوجا (غوجى)، شەيخ» دېگەندەك ئىسىملار ھازىرقى بالىلاردا جىق ئەمەس.
نۆۋەتتە ئىلىم-پەن ئۆگىنىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى ئاستىدا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە «مەرىپەت، ئىرپان، ئىلىمنۇر، بىلىمدار، نەۋزاد (يېڭى ئەۋلاد)، نەۋشاد (يېڭى خۇشاللىق)، ئايپەرى، ئالىيمۇراد» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، يۈكسەك غايىلىك، يېڭىچە كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىمەكتە.
قىسقىسى، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملارنىڭ قوللىنىلغان تارىخىلا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى بۇ جەرياندا ئۈزلۈكسىز بېيىدى، مۇكەممەللەشتى ۋە دەسلەپكى سىستېمىغا ئىگە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە داۋاملىق يېڭىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، مىڭ يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگىلەپ كەلگەن ئەرەبچە، پارسچە كىشى ئىسىملىرىنى مەلۇم مەزگىل دولقۇن قوزغاش ئارقىلىقلا چىقىرىپ تاشلاپ. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى يېڭىلىغىلى ياكى «ساپلاشتۇرغىلى» بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خېلى ئۇزاق بىر دەۋر كېتىدۇ. بىر تەرەپلىمە ھالدا غەيرىي ئەرەبچە، پارسچە ئىسىملارنى تەشەببۇس قىلغاندا، كەڭ ئاممىنىڭ قوبۇل قىلىشىغىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنى ئاممىۋى ئاساستا قېلىپلاشتۇرۇشىمىز لازىم.
لېكىن، ئاڭ-سەۋىيەنىڭ ئۆسۈشى مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ھامان ئەنئەنە بىلەن مەلۇم دەرىجىدە توقۇنۇشىدۇ. ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك ؟ قانداق ئىسىملارنى قويۇش كېرەك ؟ ئىسىمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ؟ قانداق قىلغاندا ئىسىمنى مىللەتكە، ئائىلىگە خاس بەلگىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ؟ دېگەن مەسىلە ھەممە كىشى بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئويلىنىدىغان يېڭى تېمىغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسىم قويۇش ۋە قوللىنىش جەھەتتە ھەم ياخشى ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەم يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش دېگىنىمىز، ئىسىملارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسىملارنى مۇۋاپىق تاللاپ، توغرا تەلەپپۇز قىلىپ، ئاخىرغىچە توغرا داۋاملاشتۇرۇشنى كۆرسەتسە، يېڭىلىق يارىتىش دېگىنىمىز، مۇشۇ شەرت ئاستىدا. ئىسىملارنىڭ مەنىلىك ۋە خاس بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن كىشى ئىسىملىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئىسىم تاللاشتا مەلۇم بىر تىلدا شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن مەنەگە ئېتىبار بەرگەن ۋە مەلۇم مۇددىئانى ئاساس قىلغان. بۇ جەرياندا كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، مەنە ئالاھىدىلىكى ۋە جىنس ئالاھىدىلىكى بارلىققا كەلگەن. كىشى ئىسىملىرىدا مەدەنىيەت ئامىللىرى ۋە پىسخىك ئامىللار گەۋدىلەنگەن، ئىسىملار يەنە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان. كىشىلەر ئىسىمنى ياخشى قويۇش ساۋاب، ياخشى قويماسلىق ئەيىب دەپ قارىغان. ئىسىمنى ياخشى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، بىر خىل مۇراسىم تۈسىنى ئالغان ئىسىم قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى ئىسىم قويۇش تەرتىپلىرى ۋۇجۇدقا چىققان. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قوللىنىلىشىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئۇ كۆپرەك تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە مەركەزلىشىدۇ :
1. ئەسلىي ئىسىم ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا خاتا تەلەپپۇز قىلىنىشى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆپىيىپ كېتىپ، ئەسلىي ئىسىم بىلەن ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن شەكىللىرىنى ئايرىۋېلىش قىيىن بولۇش ؛ نەتىجىدە، ئەسلىدىكى بىر ئىسىم بىر نەچچە خىلغا، ھەتتا ئون نەچچە خىلغا ئۆزگىرىپ، ئەسلىي ئاتىلىشىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەچكە، پەرزەنتلەرگە ئايرىم-ئايرىم ئىسىم تەرىقىسىدە قويۇلۇش. مەسىلەن، «ئائىشە» : ئايشەم، ئايشەمگۈل، ئايشىگۈل، ئايشىخان، ھاشىخان ؛ «مۇھەممەد» : مەھەممەت، مەممەت، مەمەت، مەخەت، مەخەم، مەھەم، مەت، مەتەك، مەتاق ؛ «مەريەم» : مەرەم، مەرەمخان، مەرىگۈل، مەرىخان، مەخان، مەگۈل، مەقىز ؛ «ئۇبەيدۇللا» : ئەبەيدۇللا، ئەبەي، ئەبەيلا، ئەبەيلەم، ئەبىل، ئەۋەي، ئەۋەيدۇللا، ئىۋىدۈل، ئىۋىدۇللا، ھەۋەي، ھەۋەيدۇل، ھەۋەيدۇللا، بەيدۇل، بەيدۇللا دېگەنلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىش.
2. يەنە بەزى ئىسىملار ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئەركىلىتىپ چاقىرىشى، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى كەمسىتىپ ئاتىشى تۈپەيلىدىن قوپال ئىسىملارغا ئايلىنىپ كېتىش. مەسىلەن، «خوجا» : غوجى، غوجەك، غوجاق، غوجەش، غوجاش ؛ «مەۋلا»: موللا، موللام، موللاق، موللەك ؛ «نۇر» : نۇرەك، نۇرەش، نۇرەم، نۇراق دېگەندەك ئاتىلىش.
3. يەنە بەزى كىشى ئىسىملىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، ئايرىم ھەرپلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە نۆۋەتلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆزگىرىپ كېتىش. مەسىلەن، «قۇربان» : قۇۋان ؛ «خەبىر» : خېۋىر ؛ «سابىر» : ساۋۇر، ساۋى ؛ «بىبىزۇھرە» : بۇۋىزورا، بۇزورا دەپ تەلەپپۇز قىلىنىش.
4. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا-جۈملىدىن ئاتا بىلەن بالا. بىر ئائىلىدىكى پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىسىم شەكىل جەھەتتىن تاغدىن-باغدىن بولۇپ قېلىپ، ئۆزئارا ماسلاشماسلىق ؛ بىر ئۆيدىكى بالىلاردىن بىرسىنىڭ ئىسمى ئۇ تىلغا، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى بۇ تىلغا تەۋە بولۇپ قېلىش ؛ ئوخشاش مەنىلىك بىر ئىسىم بىر ئائىلىدىكى ئىككى پەرزەنتكە ۋە ياكى ئاتا بىلەن پەرزەنتكە ئىككى ئىسىم ئورنىدا، ھەتتا ئۈچ پەرزەنتكە ئۈچ ئىسىم تەرىقىسىدە قويۇلۇش. مەسىلەن :
(1) گۈلىستان يانتاق، مۇھەممەد ئەخلەت، رۇزى چورۇق دېگەندەك ئاتا-بالا ئىسىملىرىغا ئوخشاش ؛
(2) ئوغۇز (ئۇيغۇرچە)، نىزامىدىن (ئەرەبچە)، دىلبەر (پارسچە)، زويا (رۇسچە) دېگەندەك بىر ئائىلىدىكى بالىلار ئىسىملىرىغا ئوخشاش؛
(3) ئەخمەت، ئەمەت (ئەسلىيسى «ئەھمەد»)، سەيدىن، سادىن (ئەسلىيسى «سەئدىن») ؛ مەخەت، مەممەت (ئەسلىيىى «مۇھەممەد»)؛ ھەزىم، ھەزىمگۈل، ھەزىمخان (ئەسلىيسى «ئەزىم») دېگەندەك بىر ئائىلىدىكى پەرزەنتلەر ياكى ئاتا بىلەن بالا ئىسمىغا ئوخشاش.
5. ئىسىملارنىڭ مەنىسىگە سەل قاراش، مەنىسى ياخشى بولمىغان ياكى تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان، مەنىسىز ئىسىملارنى قويۇش. مەسىلەن، ئەلپىرە، تىلپىرە، زەرىلە، پىلورە، مارىتا... دېگەنلەردەك.
6. بەزى ئىسىملارنىڭ جىنس پەرقى ئېنىق بولماسلىق، قىسمەن جايلاردا ئەرلەرگە قوللىنىلغان ئىسىم يەنە ئايرىم ئورۇنلاردا ئاياللارغا قويۇلۇپ، ئەر-ئاياللار ئىسىملىرى جىنس جەھەتتىن ئارىلىشىپ كېتىش ياكى ئىسىملارغا قوشۇمچە ئۇلىنىپ، ئازراقلا پەرقلەندۈرۈلۈپ، ئەر-ئاياللارغا ئاساسەن ئوخشاش ئىشلىتىلىش. مەسىلەن، ساداقەت (ئايال)، ساداقەتجان (ئەر)، سەمەندەر (ئەر-ئايالغا ئورتاق)، سەمەندەرجان (ئەر)، جاسارەت (ئەر)، جاسارەت خانىم (ئايال)، مەدەنىيەت (ئايال)، مەدەنىيەتجان (ئەر)، مۇھەببەت (ئايال)، مۇھەببەتجان (ئەر)، نۇسرەت ( ئەر-ئايالغا ئورتاق)، يادىكار (ئەر-ئايالغا ئورتاق).
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرگە خاس بەزى ئىسىملارنىڭ ئۆزگىرىشلىرى ئاياللارغا، بەزى ئايالچە ئىسىملارنىڭ ئۆزگىرىشلىرى ئەرلەرگە قويۇلىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، شاھزادە (ئەر)، شازادەم (ئايال)، شەئبان (ئەر)، شاۋان (ئايال)، ئارزۇ (ئايال)، ئازى (ئەر)، شاھناز (ئايال)، شاناز (ئەر).
7. بىر جايدا ئوخشاش ئىسىملار كۆپ تەكرارلىنىپ، ئۆزئارا ئالاقىگە تەسىر يېتىش. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا «مۇھەممەد، مەھمۇد (مەخمۇت، مامۇت)، ئەھمەد (ئەمەت، ئەخمەت)، مۇختار، مۇھەممەدئەمىن (مەمتىمىن)، ئەنۋەر، ئابدۇللا (ئابلا)، ئابدۇرەھىم، ئابدۇلھەمىد (ئابلىمىت)، ئابدۇلئەھەد ( ئابلەت، ئەخەت)، ئۆمەر، پاتىمە (پاتىگۈل، پاتەم) مەريەم (مەرەم)، ئائىشە (ئايشەم، ئايشىگۈل)... قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئىنتايىن كۆپ.
ئومۇمەن، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىدە تەكشىسىزلىك ئەھۋالى ئېغىر. مەسىلەن، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئائىلە قورۇسىدىلا «مۇختار» ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىدىن 12 سى، «ئەنۋەر» ئىسىملىكتىن 11 ى، «ئابدۇلھەمىد» (ئابلىمىت) ئىسىملىكتىن 10 ى، «پاتىمە» ياكى «پاتىگۈل» ئىسىملىك خانىملاردىن توققۇزى بار. ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدىلا «ئابدۇلھەمىد» ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىدىن ئۈچى، «مۇھەممەدئەمىن» ئىسىملىكتىن ئۈچى بار، ھەتتا ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىسمىمۇ ئوخشايدىغان ئوقۇتقۇچىلار خېلى كۆپ تېپىلىدۇ.
يۇقىرىدا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مۇلاھىزە قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىمۇ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى ئايرىم مەسىلىلەرمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بىز يۇقىرىقى مەزمۇنلار بويىچە داۋاملىق ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» كىتابىدىن ئېلىندى.