
سېتىۋېلىش ئورنى
شاھزادە
داڭلىق مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۈچىنچى يالغۇز كىشىلىك پىلاستىنكىسىنى چىقاردى. پۈتكۈل پىلاستىنكىدىكى 16 ناخشىنىڭ تېكىستى ۋە مۇزىكىسى ئاساسەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ماسلاشتۇرۇلغان، ئۇ يەنە يېقىملىق رېتىم بىلەن R&B ۋە Rap لەرنى ئۇيغۇر مەشرەپ ئۇسلۇبى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي چالغۇلارغا ھاياتىي كۈچ ۋە مودا تۇيغۇ بېرىدۇ. مودا مۇزىكا ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن بۈگۈنكى دۇنيادا، تېخىمۇ كۆپ مىللىي چالغۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاڭلىغۇچىلارغا يېىڭىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. تەپسىلاتى: ئابلاجاننىڭ بۇ يېڭى پىلاستىنكىسى 2014-يىلى ئىشلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، يېقىندا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پىلاستىنكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ ۋە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پىلاستىنكىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلار ئاساس قىلىنىغان، CD پىلاستىنكىسى 16 ناخشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەممە ناخشىلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئابلاجان ئۆزى ئىجاد قىلىپ تاماملىغان بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى ناخشا تېكىستىدە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، 12 ناخشىنىڭ ناخشا تېكىستىنى ئابلاجان ئۆزى تاماملىغان، باشقا ناخشىلارنى دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك رېژىسسور، داڭلىق شائىر مۇختار بوغدا، كىچىك دوستلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، داڭلىق بالىلار ناخشىسى شائىرى ئابلىكېم ھەسەن، ئىجادىيەت تىپىدىكى ياش ناخشىچى شىرېنگۈل مەتسالى (يامغۇر ستۇدىيىسى) ۋە تەدرىجىي كۆپچىلىككە تونۇلۇۋاتقان ياش ھېسسىياتلىق شائىر ئىلھامجان مۇھەممەد (جۇنۇن Junun) قاتارلىقلار يازغان. پىلاستىنكا ناخشىلىرىنىڭ ئاككوردلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسلىقى ئابلاجان ئۆزى تاماملىغان بولۇپ، باشقا زامان ستۇدىيىسىدىن مۇھەببەتجان مەمتىمىن، يامغۇر ستۇدىيىسىدىن ئەسئەت راخمان قاتارلىق بىر قانچە تالانتلىق مۇزىكانت ۋە ئىجادىيەتچىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. CD ئىشىلەش جەريانىنى مۇزىكانت، ئىجادىيەتچى، ناخشىچى ۋە زامان ستۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلان مەمتىمىن ۋە ياش ناخشىچى، ئىجادىيەتچى ۋە يامغۇر ستۇدىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەسئەت راخمان تاماملىغان. پىلاستىنكا MV ئىشلەشكە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىندى، DVD دېسكىسىدا بىر مىكرو فىلىم ۋە 11 MV ناخشىسى بار بولۇپ، مول مەزمۇن، نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرگە تولغان دەۋر ۋە كۆز قاماشتۇرىدىغان، ھەيۋەتلىك ھەر خىل ئۇسلۇبلار بىلەن ئوخشىمىغان ئابلاجان ئوبرازلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. MV پىلاستىنكىسىنى سۈرەتكە ئېلىش ۋە ئىشلەشنى ھەزرىتىئەلى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئىزىتقۇ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى (H-media)، ئەسقەر ئەكبەر باشچىلىقىدىكى پېچىنە فوتو-سۈرەت ستۇدىيىسى، ئەليار ئابلا باشچىلىقىدىكى RA ستۇدىيىسى، شىنجاڭ قانال مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ستۇدىيە ۋە شىركەتلەر ئۈستىگە ئالدى. بۇ پىلاستىنكىنى ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىش رەسمىيەتلىرىنى شىنجاڭ كۈيچى مەدەنىيەت تاقىتىش چەكلىك شىركىتى تەييارلىغان ۋە رەتلىگەن.
ناخشا تىزىملىكى
ناخشا ئىسمى | ئاڭلاش ئادرېسى | رەسىمى | ئېلان قىلىنغان ۋاقىت | كۆرۈلۈشى |
---|---|---|---|---|
بەڭباش | ![]() |
![]() |
![]() |
|
ماڭا ياتلىق بول | ![]() |
![]() |
![]() |
|
مەلىمىزدە مەشرەپ بار | ![]() |
![]() |
![]() |
|
سۆيۈملۈك مۇئەللىم | ![]() |
![]() |
![]() |
|
مەپتۇن | ![]() |
![]() |
![]() |
|
ئەسكى 2 | ![]() |
![]() |
![]() |
|
بالىلىق چاغلار | ![]() |
![]() |
![]() |
|
كۈنلەمچى قىزچاق | ![]() |
![]() |
![]() |
|
بەگزادە | ![]() |
![]() |
![]() |
|
رەڭگارەڭ | ![]() |
![]() |
![]() |
|
ئىلىشىپ قالمىساملا | ![]() |
![]() |
![]() |
|
بۈگۈن 2 | ![]() |
![]() |
![]() |
|
مەيلىمۇ | ![]() |
![]() |
![]() |
|
مەپتۇن (رەپ نۇسخىسى) | ![]() |
![]() |
![]() |
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...